كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەما چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكىدىكى يېڭى ھاياتىنى باشلىدى
2012.05.21

شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن بىر ئايدىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان دىپلوماتىك تالاش-تارتىشقا خاتىمە بېرىلگەن بولدى.
كىرستوفېر سىمىس: قىيناشلارنىڭ ھەممىسىگە خاتىمە بېرىلدى
ئۇنى كۈتۈۋېلىشقا چىققانلار ئارىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس، ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتچىلار ۋە تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن ئۆركەش دۆلەتمۇ بار ئىدى.
كىرستوفېر سىمىس چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ مۇنداق دېدى: چېن سىزنىڭ يېڭى جېرسېيغا، ئامېرىكىغا ۋە ئەركىنلىك بېغىغا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز. ھازىر پۈتۈن ئامېرىكا ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى چېن، يۈەن ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە. ئۇرۇپ-سوقۇش، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىيناشلارنىڭ ھەممىسىگە خاتىمە بېرىلدى.
كىرستوفېر سىمىس يەنە چېن گۇاڭچېڭنىڭ خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قانداق قارشى تۇرغانلىقى ۋە شۇ سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئاياللارنىڭ ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن قانچىلىك رىيازەتلەرنى چەككەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چېن گۇاڭچېڭ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، نيۇ-يورك مانخاتتان رايونىغا كەلدى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغان نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوللىغۇچىلارغا سۆز قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قويۇپ بەرگەنلىكىگە ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى.
چېن گۇاڭچېڭنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى ئىناۋەت مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئۇلارنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن دىئالوگ ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى ۋە ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن
خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن بىرگە چېن گۇاڭچېڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان 89- يىلىدىكى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەت مۇنداق دېدى: چېن گۇاڭچېڭنىڭ خىتاينىڭ بىۋاسىتە زۇلۇمىدىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى ئىنتايىن خۇشالمىز.
ئۇ يەنە چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىدا خۇشال-خۇراملىق ۋە ئەركىنلىك ئېلىكىدە يېڭى ھايات باشلىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چېن گۇاڭچېڭ كىم؟
چېن گۇاڭچېڭ شەندۇڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولۇپ، ئۇ خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خالىمايدىغان شەخسلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2006- يىلى ئۇنى «جامائەت مۈلكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئادەم توپلاپ قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
چېن گۇاڭچېڭ 2010- يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، تۈرمىدىن چىقىپلا ئۆيىدە نەزەربەندكە ئېلىنغان.
نەزەربەندتىن قېچىش
ئۇنىڭ بۇ جەرياندا خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ھالبۇكى چېن گۇاڭچېڭ بۇ يىل 22 – ئاپرېل نەزەربەندتىن قېچىپ، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان. بۇ ۋەقە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا بىر مەزگىل دىپلوماتىك جىددىيلىك پەيدا قىلغان ئىدى.
چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسى كەسكىنلىشىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە ئۇ ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىنى قاندۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن گۇاڭچېڭنىڭ نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگىنىدىغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، چېن گۇاڭچېڭنىڭ كەلگۈسىدە يەنىلا خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان ياكى بارالمايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.