0:00 / 0:00
چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سۆيگۈ - مۇھەببىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ستالىن مەزگىلىدە 36 ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە قىرغىزىستاننىڭ ئويتاش يېزىسىدا پانتۈركىست دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇلارنىڭ قەبرىستانلىقى ياسالغان. بۇ قەبرىستانلىققا ئاتا مازىرى دەپ ئىسىم بېرىلگەن.
ھازىر كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى 2007 - يىلى چىڭگىز ئايتماتوۋ بىلەن بىللە بۇ مازارلىقنى زىيارەت قىلغان ۋە داڭلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.