شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىدە مەرھۇم چىنگىز ئايتىماتوۋنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2008 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى ئىستانبۇل شەھرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئابدۇلقادىر ئاقيول يىغىن زالىدا قىرغىز خەلقىنىڭ شۇنداقلا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى چىنگىز ئايتىماتوۋنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.30
jengiz aytmatow-305 2008 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 6 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺋﺎﻳﺘﻤﺎﺗﻮﯞﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan
 مۇراسىمغا ئىستانبۇل شەھرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇرات ئەپەندى، قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ئەلچىسى ئەمەت جانات ئەپەندى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئەپەندى، ئىراق تۈركمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ، قازاقلاردىن بولۇپ جەمئىي 100 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىپ مەرھۇم چىنگىز ئايتماتوفنىڭ روھىغا دۇئا قىلىندى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەھمەت تۈركوز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىگەندىن كېيىن ئىستانبۇل شەھرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇرات ئەپەندى مەرھۇم چىڭگىز ئايتىماتۇۋنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ‏- ئىزلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى، قىرغىزىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ئەلچىسى ئەمەت جانات ئەپەندى سۆز قىلىپ ، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ، چىڭگىز ئايتىماتوۋنى خاتىرلەش مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىمدا يەنە مارمارا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوچات دوكتۇر ئورخان سۆيلەمەس "ئايتىماتۇۋنىڭ رومانلىرىغا بىر نەزەر" دېگەن تېمىدا، تۈرك دۇنياسى تىل ‏- ئەدەبىيات ۋەخپىنىڭ باشلىقى، ژۇرنالىست سەرۋېت قاباقلى ئەپەندى "ئايتماتوفنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۈركىيىنى زىيارەت قىلىشى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

بىز مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى بىلەن بۇ مۇراسىم ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.