2010 - يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلار
2010.12.31
مەزكۇر "10 چوڭ خەۋەر"نىڭ ئىچىدىكى 24 - ئاپرېل ۋاڭ لېچۋەننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننىڭ ئالماشقانلىقى، 17 - مايدىن 19 - ماي كۈنلىرىگىچە ج ك پ مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيە تۈزۈلگەنلىكى، 29 - 30 - مارت كۈنلىرى بېيجىڭدا ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىغىنى ئېچىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلۈشۈپ "تەرەققىي قىلدۇرۇش" يولىغا ماڭغانلىقى، " ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلايلى" ناملىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى قاتارلىقلار دىققەتنى چېكىدۇ.
2010 - يىلى ۋاڭ لېچۋەننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننىڭ ئالماشقانلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە قانداق ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاڭ لېچۋەننى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرۇشقا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان جاللات، دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋاڭ لېچۋەن ھوقۇق ئۈستىدە تۇرغان مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەبىت سىياسەت يۈرگۈزۈپلا قالماي، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىشتا رېكورت ياراتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ۋاڭ لېچۋەننىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننىڭ ئالماشقانلىقىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش ياراتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرمۇ ئوخشاشلا " قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان ئونمىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ يەنىلا خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈزگەن ئىستراتېگىيىسىنىڭ ماھىيىتىنى " ئۇيغۇرلارنى ئۈزۈل - كېسىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئىستراتېگىيىسىدىن ئىبارەت" دەپ قارىماقتا.
خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، "ھالقىما تەرەققىيات" نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇشلىرىنى " شەرقىي تۈركىستاننى بۆلۈشۈپ تالان - تاراج قىلىش" دەپ ئاتىماقتا.
تېخىمۇ كەڭ ۋە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان " ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلايلى" ناملىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى بولسا "مېڭە يۇيۇش ئوپېراتسىيىسى" دېمەكتە.
ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان " ئۇلۇغ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكان بەرپا قىلايلى" ناملىق تەشۋىقات پائالىيىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
تەڭرىتاغ تورى 31 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان "شىنجاڭدىكى 2010 - يىللىق 10 چوڭ خەۋەر"نىڭ ئىچىگە ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ "جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى" گە ئۆزگەرتىلگەنلىكى، 2010 - يىلىدا خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن 100 مىليارد يۈەن سەرپ قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ شىمالىي رايونلىرىنىڭ قار ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئەمما، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارىسىغا خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن زور قارشىلىقلار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قاماق جازالىرىغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كىرگۈزۈلمىگەن.