ئالماتادا چوقان ۋەلىخانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 175 يىللىقى خاتىرىلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010.07.01
2010.07.01
چوقان ۋەلىخانوف 19 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا يەتتە سۇ ۋادىسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ھەم قەشقەرىيە رايونلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مول ماتېرىياللارنى توپلىغان.
چوقان ۋەلىخانوف قەشقەردە تۇرغان ئالتە ئاي جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى قەشقەرىيىنىڭ تارىخى، ئىجتىمائىي - سىياسىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش - ئۆرپ ئادەتلىرى شۇنىڭدەك مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ كونترول قىلىش چارە - تەدبىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇر توپلاپ، مەخسۇس كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ، رۇسىيىنىڭ سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدە نەشر قىلدۇرغان ئىدى.
چوقان ۋەلىخانوفنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە توپلىغان ماتېرىياللىرى ئۇنىڭ دەۋرداشلىرى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.