خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى جىددىي بولماقتا

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلى شۇنداقلا خىتايدا چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى جىددىي بولۇپ،چوشقا زۇكام ئۇيغۇر ئېلىدىكى 13 ئوبلاست، ۋىلايەت ھەم شەھەردە تارقالغان.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار 90% كە يېقىنلاشقان، دائىرىلەر يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان بىر قىسىم مەكتەپلەرنى تاقاشقا باشلىغانOpens in new window ]

. خىتاي بويىچە يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، يەتتە ئادەم ئۆلگەن. چوشقا زۇكام يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى يەنىمۇ تولۇق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

گەرچە خىتاي چوشقا زۇكامىنىڭ خىتايغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردىنمۇ قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللانغان، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپ پۇقرالىرىغا چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، بۇ چارىلەر،يەنىلا چوشقا زۇكام ۋىرۇسنىڭ بۇ ئالاھىدە كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەتكە يامرىشىنى توساپ قالالمىدى.

چوشقا زۇكام دۇنيادا تارقىلىشقا باشلىغان ھامان خىتاي دائىرىلىرى بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىدا چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىپ،يۇقۇملاندى دەپ گۇمانلانغان كىشىلەرنى 7 كۈنگىچە جىددىي كارانتىن قىلىپ كۆزىتىشتەك قاتتىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ چوشقا زۇكامىدىن مۇداپىئە كۆرۈش قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمىدى.

ب ب س نىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى خىتايدا ھازىر چوشقا زۇكامدارلىرىنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ 35 ئۆلكە ھەم شەھەرلەردە بايقالغانلىقىنى. ھازىرغىچە H1N1 ئاتالغان چوشقا زۇكام ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەر 7 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بىر بالىلار دوختۇرخانىسىدا، چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ماسكا تاقىۋالغان. چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشى ئۇيغۇر ئېلىدا باشقا جايلاردىن سەل كېيىنرەك بولغان بولسىمۇ ئەمما، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارقىلىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا بىر قەدەر جىددىي بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ‏ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە 4 - نويابىردا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا 2 - نويابىرغا قەدەر يېڭىدىن چوشقا زۇكام يۇقتۇرۇۋالغۇچىلاردىن يەنە 106سى مەلۇم بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئومۇمى يۇقۇمدارلار 1554 نەپەرگە يەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمدارلار 13 ئوبلاست، ۋىلايەت ھەم شەھەرلەرگە تارالغان.

يۇقۇمدارلارنىڭ 10نەپىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ يەنە 3 نەپىرىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەن.

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوشقا زۇكامدارلىرىنىڭ ئىچىدە18ياش ئەتراپىدىكى بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ 24‏ - ئۆكتەبىر ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيىسىنىڭ دۈشەنبىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ 90% كە يېقىنىنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىگەن بولۇپ، مائارىپ ۋە سەھىيە تارماقلىرى بىر سىنىپتا ئادەتتىكى زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 10غا يەتكەن سىنىپلاردا دەرس توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدە چوشقا زۇكام تارالغانلىق سەۋەبى بىلەن دەرس توختىتىلغان مەكتەپلەر 6%نى ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ جىددىي ھالدا چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش باشلانغان بولۇپ، ‏2 - نويابىرغىچە 12 مىڭ كىشى ۋاكسىنا ئەملىگەن.

خىتايدا چوشقا زۇكام ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىگە ئەگىشىپ ۋاكسىنا ئەملەشمۇ رىقابەتكە دۇچار بولۇۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باھانە قىلىپ شەخس ۋە ئورۇنلارنىڭ ساختىلىق قىلىش، خەلقتىن قالايمىقان ھەق ئېلىش ئىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان رايى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، پۇقرالارغا چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشتە ئىختىيارى ھەقسىز ئەملەشنى يولغا قويغان بولسىمۇ،پۇقرالاردا خىتايدا ئىشلەنگەن چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسىغا قارىتا گۇمان سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشى يەنىلا چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشنى خالىمايدىكەن.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى يەنە، خىتاينىڭ مۆلچەردىنمۇ بۇرۇن يۇقىرى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان شۇنداقلا جىددىي يۇقۇم مەزگىلى كېلەر يىلى 3 - ئايغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن بولۇپ، ئاساسەن ئوقۇغۇچىلاردا تېز تارقالماقتا ئىكەن، زۇكام شەھەرلەردىن يېزىلارغا قاراپ تارقىلىش ھالىتىگە ئۆتكەن. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، يۇقۇم ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا چوشقا زۇكام خىتايدا يەنىمۇ تېز ھەم كەڭرى تارقايدۇ ھەم ئۆلگۈچىلەر سانى كۆپىيىدۇ.

خەلقئارادىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى، چوشقا زۇكام يۇقۇش ئېھتىمالى يۇقىرى كىشىلەر ھامىلدار ئاياللار، سېمىز كىشىلەرۋە 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا، گەرچە دۇنيادا 80% كىشىنىڭ چوشقا زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمدارلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان كلىنىكىلىق كۆزىتىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى سەللىمازا ساقايغان ۋە ساقايغاندىن كېيىن ھېچقانداق باشقا قوشۇمچە كېسەللىكلەر كۆرۈلمىگەن. شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر يەنە كىشىلەرنىڭ H1N1 ناملىق چوشقا زۇكام تەھدىتىدىن ئۇنچە قورقۇش ھېس قىلماي، ئۆزىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى، مەزكۇر يۇقۇملۇق زۇكام يۇققان دەقدىردىمۇ جىددىيلەشمەي دەرھال داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى بويىچە قارىغاندا، گەرچە چوشقا زۇكام ۋىرۇسى، قۇش زۇكام ۋە سارسقا ئوخشاش، كىشىلەردە بىر مەزگىللىك ساراسىم پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئىنسانلار ئۇنىڭغا قارشى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تاپقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلار ھاياتىغا ھەيۋە قىلغان بۇ كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن بولغان جەڭدە ئىنسانلار يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.