شىخەنزىدە گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان دادا-بالا دىنىي زاتلارغا 3 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن
2011.04.22

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى بۇلارغا 3يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ دىنىي زاتلار مەسچىتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ھۆكۈمەتنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان. يەنە ئاھالىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، مەھكۇملارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغۇدەك كىشىلەر بولمىغاچقا جازا ئېغىرلىشىپ كەتكەن.
ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى يەنى 12-ئاپرېل كۈنى شىخەنزە شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى قاھار مەنسۇر ۋە مۇھەممەد تۇرسۇن ئىسىملىك ئىككى نەپەر دىنىي زاتنى 3يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ھۆكۈمدە ئۇلار قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى ساقلاش ۋە تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ھۆكۈمنامىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن تېپىلغىنى ھەم تارقاتتى دەپ قارالغىنى ئۇلۇغ ئىسلام ئالىملىرىدىن ئىبنىي كەسىرنىڭ قۇرئان تەپسىرىدۇر. ئەمەلىيەتتە مەزكۇر تەپسىر يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن نەشر قىلىنغان ۋە مەسچىتلەردە ئاشكارا تارقىتىلغان.
نۆۋەتتە، شىخەنزىدىكى ئاھالىلەر، بۇ دادا-بالا دىنىي زاتلارغا بېرىلگەن جازانى ئالاقىدار ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىشى دەپ قاراشماقتا. چۈنكى دىنىي زات قاھار مەنسۇر مەسچىتتە مەزىن بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېغىدا ھۆكۈمەتنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلغان. مەسىلەن، ھۆكۈمەتنىڭ قىزىلباشلىق ھۆججەتلىرىنىڭ مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشىگە يول قويمىغان. جۈمە خۇتبىلىرىدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقلىرى ھەققىدە سۆز قىستۇرۇلۇشقا قارشى تۇرغان. ھۆكۈمەت تەرەپ تەلەپلىرىنى مەجبۇرلىغان ۋاقتىدا مەزىنلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.
ئاھالىلەر يەنە، دادا-بالا دىنىي زاتلار ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچانلىق قىلىپ، تۇتۇلغاندىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ بارمىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە جازانىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن ئالدۇلئەزىز ئەپەندى؛ دادا-بالا دىنىي زاتلارنىڭ كېسىلىشىنىڭ يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەسلىكىنى، دىنغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى يەنە، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم قورغان، ھەم قوراللىق رولى بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى بۇ قۇدرەتلىك قورالدىن ھەر ۋاقىت ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا رايوندا ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش، ئىسيان ۋە ئىنقىلابلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دىنىي كىتاب ۋە دىنىي زاتلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىبنى كەسىر 14-ئەسىردە سۈرىيىدە ياشىغان ئۇلۇغ ئىسلام ئالىملىرىدىن بىرىدۇر. ئىبنى كەسىر تەپسىرى قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىزاھلاپ چۈشەندۈرگەن، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مەشھۇر تەپسىرىدۇر.