ئارادادامتۇدىكى يەر ماجىراسى داۋام قىلماقتا

ئارادادامتۇ ئاياللىرى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يەر تارتىۋېلىشىغا يول قويمىغان ئىدى. ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە ھۆكۈمەت تەرەپ، ئارادادامتۇدىكى 8 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.05.18
Uyghur-ayalliri-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ.
RFA Photo

ئارادادامتۇ ئاياللىرى قايتا توپلىنىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ نامايىش قىلىش ئۈچۈن يولغان چىققان. بۇنىڭ بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت 8 نەپەر تۇتقۇننى شۇ كۈنى قويۇپ بەرگەن.

غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزا، ئارادادامتۇ كەنتىدىكى يەر ماجىراسى يەنە داۋام قىلماقتا. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى ماجىرادا، ئارادادامتۇ ئاياللىرى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي تېرىقچىلىق پىلانىغا ۋە بۇ يول بىلەن يەر تارتىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ۋەقەدە 7 نەپەر ئايال ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىدا ياتقان ئىدى. ئوتكەن ھەپتىكى ئىگىلىشىمىزدە ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما بۈگۈنكى ئىگىلىشىمىزدە، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يۇقىرىقى قارارىدىن يەنە يانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئارادادامتۇدا 8 كىشى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئاياللار قايتىدىن تەشكىللىنىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا بارغان ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ھۆكۈمەت تەرەپتىن، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى ھەم مەجبۇرىي تېرىقچىلىق پىلانىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. دادامتۇ يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتمۇ ۋەقە ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.

يېزىلىق ساقچى پونكىتى دېھقانلارنى مەجبۇرلاش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى سىر تۇتۇشقا تىرىشماقتا.

ئارادادامتۇ ئاياللىرى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، نارازىلىقىنى تېخىمۇ كەڭ - كۆلەمدە بىلدۈرۈش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان، ئاياللار يول ئۈستىدە يەنە خىتاي قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان.

ئارادادامتۇ ئاياللىرىنىڭ ئىزچىل ۋە شىددەتلىك قارشىلىقى نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت تەرەپ 8 نەپەر تۇتقۇننى، ئارىدىن 16 سائەت ئۆتكەندە قويۇپ بەرگەن ھەم يەر ئىىللىۋىلىش زوراۋانلىقىنى توختاتقان. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ قارارنىڭ ئاخىرقى قارار ئىكەنلىكىگە ئارادادامتۇلۇقلار يەنە گۇمان بىلەن قارىماقتا.

ئارادادامتۇدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق يەر ماجىراسىدا ئاياللارنى نارازىلىق ھەرىكىتىگە تەشكىللىگۈچى ئامانگۈل ئىسىملىك 45 ياشلىق بىر ئايال؛ ئۇ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سوراققا تارتىلغان.

بۈگۈن بىز سىلەرگە ئارادادامتۇ كەنتىدە داۋاملىشىۋاتقان يەر ماجىراسى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر ئاڭلاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.