دالاي لاما خىتاينى تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىمەكتە

دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە ئۆكتەملىك قىلغان ئىدى، بۈگۈن دالاي لاما موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندا، خىتاي يەنە موڭغۇلىيىگە ئۆكتەملىك قىلىشقا باشلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.11.08
dalay-lama-305.jpg دالاي لاما ئىستېپا بېرىشتىن بۇرۇن سۆزدە. 2011-يىلى 19-مارت.
AFP

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن موڭغۇلىيىنىڭ ئۇلانباتور شەھىرىدە موڭغۇل ئاھالىيلىرى تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانى قىزغىن قارشى ئالدى. موڭغۇلىيە مەملىكەتلىك بۇددا دىنى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، گاندان ماخايانا ئىبادەتخانىسىنىڭ باش رىياسەتچىسى دانبېرلا نىڭ بايان قىلىشىچە، دالاي لاما موڭغۇلىيىدىكى بۇددا دىنى جامائىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تەكلىپ قىلىنغان. موڭغۇلىيىدە لاما دىنىنىڭ ئېتىقادچىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى موڭغۇلىيە زىيارىتى ساپ دىنىي پائالىيەت.

ئۇلانباتور ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى گاننانىڭ بايان قىلىشىچە، دالاي لامانى موڭغۇلىيىدە قىزغىن قارشى ئالمايدىغان بىرمۇ موڭغۇل بولمىسا كېرەك. دالاي لاما ھازىر بارغانلىكى جايدا چەكسىز قىزغىن قارشى ئېلىنغان، ھەممە ئادەم دالاي لامانىڭ باشلامچىلىقىدا نوم ئوقۇغان. ھازىر يەنە موڭغۇلىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن دالاي لاماغا سالام بېرىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان، دالاي لامادىن نوم ئاڭلاش ئۈچۈن بۇددا ئىبادەتخانىلىرىغا كېلىپ توپلانغان ئادەم ئىنتايىن كۆپ.

تۈنۈگۈن دالاي لاما ياپونىيەدە دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ھازىر تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، قاتتىق غەزەپ بىلەن ياپونىيىگە ئۆكتەملىك قىلغان ئىدى. ياپونىيىنىڭ دالاي لامانى تەكلىپ قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ھەتتا دالاي لاما بىلەن شەخسىي مۇناسىۋەت بويىچە كۆرۈشكەن ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئاكىخىسا ناگاشىمانىمۇ، بۇ ۋەقەنى خىتايغا چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇرلىغان ئىدى.

دالاي لاما بۈگۈن موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندا، خىتاي يەنە موڭغۇلىيىگە ئۆكتەملىك قىلىشقا باشلىدى. خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈنكى باياناتىدا قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن، دالاي لامانىڭ مەقسىتى تىبەتنى خىتايدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىش، خىتاي ھەر قانداق دۆلەتنىڭ دالاي لاماغا سۆزلەيدىغان مۇنبەر ھازىرلاپ بېرىشىگە يول قويمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيىنىڭ دالاي لامانى تەكلىپ قىلىش قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 6‏-ئايدا موڭغۇلىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر، دالاي لامانىڭ پائالىيىتىنى چەكلەش ھەققىدە موڭغۇلىيە بىلەن جىددىي سۆزلەشمەكتە. دالاي لاما 2002‏-يىلى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي قارشىلىق بىلدۈرۈپ، موڭغۇلىيىدىن ئۆتىدىغان خەلقئارالىق پويىزنى ئىككى كۈن توختىتىپ قويغان ئىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، موڭغۇلىيە قاتناش مىنىستىرى باتاتورگا، دالاي لامانىڭ بۈگۈنكى دىنىي پائالىيىتىنى ئۇلانباتورنىڭ سەھراسىدىكى خىتاي بىناكارلىرى سالغان ھەشەمەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. دالاي لاما بۈگۈن بۇ چوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا نوم سۆزلىگەندە يەنە، خىتاينى تىبەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا سان-ساناقسىز موڭغۇل ئىبادەتچىلىرىگە باشلامچىلىق قىلىپ، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويغان تىبەت راھىپلىرىنىڭ روھىغا دۇئا قىلغان.

ۋېكى ئىنىسكلوپىدېيىسىگە ئاساسلانغاندا، موڭغۇلىيە ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى يايلاق دۆلىتى، تېررىتورىيىسى خىتاي بىلەن رۇسىيىگە چېگرىلىنىدۇ. بۇ ئەل 1206‏-يىلى چېڭگىزخان موڭغۇل دۆلىتى بىلەن مەشھۇر. موڭغۇللار 1271‏-يىلىدىن 1368‏-يىلىغىچە پۈتۈن خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. موڭغۇللار 1921‏-يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. ئەمما موڭغۇلىيىنىڭ بىر قىسمى بولغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە ھازىرغا قەدەر تېخىچە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ تۇرماقتا. موڭغۇللار ئېتىقاد قىلىۋاتقان بۇددا دىنى 13‏-ئەسردە تىبەتتىن كىرگەن شۇڭلاشقا پۈتۈن ياۋرو-ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى موڭغۇللار بىلەن تىبەتلەرنىڭ دىنىي مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.