دالاي لامانىڭ بۇ سەپىرىنىڭ 1 - بېكىتى بولسا گېرمانىيە. ئۇ گېرمانىيە زىيارىتىدە تەرەققىيات مىنىستىرى خېيدېمارىې ۋېىسزورېك - زېئۇل، ئانگېلا مېركېلنىڭ باش مىنىستىرلىق كابىنتىدىكى ئەمەلدارلار ۋە گېرمانىيە پارلامېنت رەئىسى نوربېرت لاممېرت بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ قېتىم دالاي لاما باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ لاتىن ئامېرىكا سەپىرىگە چىقىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكى مۇمكىن.
ئانگېلا مېركېلنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك - ۋولتېر شتايمېر بولسا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىك تەرەپدارى . 2007 - يىلى 9 - ئايدا ئانگېلا مېركېلنىڭ دالاي لامانى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا كۈتىۋېلىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، بۇ خىتاي -گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىدە بىر مەزگىللىك چىللە دەۋرى ياراتقان. لېكىن گېرمانىيە تەرەپ بۇ قېتىم ئانگېلا مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن دىدارلىشالمايدىغانلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتايمېرنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى ئاقلاپ، بۇلارنىڭ خىتاي بىلەن يەنە بىر قېتىم "دېپلوماتىك قازا " يۈز بەرمەسلىك ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماقتا.
گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى زېئۇلنىڭ باياناتچىسى توماس ستېيگ، " ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ۋاقىت جەدىۋىلىدىكى جىددىيچىلىككە قارىماي، دالاي لامانىڭ زىيارىتىدە ئۇنىڭ بىلەن تىبەت ۋە تىبەتكە قوشنا ئۆلكىلەرنىڭ ۋەزىيىتى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىشىمىز زۆرۈر "دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەكچى
لېكىن دالاي لاما گېرمانىيىدە ئانگېلا مېركېلنى كۆرەلمىگەن بىلەن لوندوندا ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردېن بروۋېننىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئەمما بروۋېن مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن 2007 - يىلى سېنتەبىردە كۆرۈشكەندىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بولسا كېرەك. ئۇ، دالاي لاما بىلەن لوندوننىڭ دوۋنىڭ كوچىسىدىكى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا كۆرۈشمەي، ئەنگىلىيە ئانگېلىكان چېركاۋى ئارخىبىشوپىنىڭ سارىيىدا كۆرۈشۈشنى قارار قىلدى. لېكىن ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋېننىڭ دالاي لاما بىلەن ئانگېلىكان ئارخىبىشوپىنىڭ سارىيىدا كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى تەنقىدلەنمەكتە.
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى بروۋېننىڭ نېمە ئۈچۈن دالاي لاما بىلەن دوۋنىڭ كوچىسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇچراشمايدىغانلىقىنى سورىغۇچىلارغا " دالاي لاما بىر دىنىي رەھبەر، دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ، يەنە " ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدىغانلىقى. بولۇپمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى ، خىتاينىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىدۇر " دەيدۇ. لېكىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە ، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ دالاي لامانى دوۋنىڭ كوچىسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلمىغانلىقى خىتاينى غەزەپلەندۈرمەسلىك ئۈچۈن بولسا كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئولىمپىك مەشئىلى ئەڭ شىددەتلىك قارشىلىققا ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى لوندون ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بروۋېن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ۋە يېقىنقى بىر سۆزىدە خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدى. غەرب دۆلەتلىرىدە ھۆكۈمەتلەر پارلامېنت ياكى دۆلەت مەجلىسلىرىنىڭ خىتاينى دالاي لاما بىلەن تىبەتنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەردە سۆزلىشىشكە قىستاش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ پرېزىدېنت بۇشنى تىبەتنى زىيارەت قىلىشقا قىستاۋاتقانلىقى ئىدى.
" ئامېرىكا لخاسادا كونسۇلخانا قۇرۇپ، تىبەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى لازىم"
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بايدېن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى باربارا بوكسېر خانىم، ئولىمپىيە سنوۋ خانىم ۋە جون كەررىيلەر ئاقسارايغا خەت يېزىپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەكلىپ دۆلەت مەجلىسىنىڭ تىبەت ھەرىكەت پىلانىدىكى - 1 تەۋسىيە ئىدى. تەكلىپلەرنىڭ يەنە بىر ئامېرىكىنىڭ لخاسادا كونسۇلخانا ئېچىشىدۇر.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى باربارا بوكسېر خانىم لخاسادا كونسۇلخانا ئېچىشنىڭ قانۇنى زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " پرېزىدېنت بۇش 2002 - يىلى تىبەت سىياسەت لايىھىسىنى ئىمزالىدى. بۇ قانۇنغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى تېز ئارىدا لخاسادا كونسۇلخانا قۇرۇپ، تىبەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى لازىم".
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ تەكلىپلەرنى بەرگەن مەزگىلى دالاي لامانىڭ غەرب ئەللىرىنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنىڭ باشلىنىش ھارپىسى ئىدى. ئەنگىلىيە دالاي لامانىڭ بۇ سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم بېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى تەنزېن تاكلا، چارشەنبە كۈنى دالاي لامانىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا خىتاي ۋە تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىدىغانلىقى، بۇ پائالىيەت ئەنگىلىيە پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەنزېن تەكلا، 2008 - يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى دىققەتكە سازاۋەر بىر يىلدۇر. ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى دالاي لامانى كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەردە ئاغزاكى ئىسپات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى " دەيدۇ.
