دالاي لاما ھەققىدە مۇنازىرىلەر (1)

دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنىڭ دۇنيا جامائىتىگە بەرگەن تەسىرىنىڭ ئالاھىدە زور بولغانلىقى 20 - مايدىكى خەۋەرلەردە كەڭ تىلغا ئېلىنماقتا. دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، بىرى، مۇستەقىللىق ئەمەس، ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىدە ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، ئىككىنچىسى، خىتايدىكى يەر تەۋرەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۈچىنچىسى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا تىنىچلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇشتەك ئوبرازىنى نامايەن قىلغانلىقىنى ھەممە بىردەك تەستىقلاشماقتا.
مۇخبىرىمىز ئەكرەم خەۋىرى
2008.05.21
Pelosi-Dalay032108-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻻﺗﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻧﻪﻧﺴﻰ ﭘﯧﻠﻮﺳﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺩﺍﺭﺍﻣﺴﺎﻻﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
AFP Photo

20 - مايدىكى ز د ف، ئا ر د قاتارلىق تەسىرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى قاتارلىق داڭلىق رادىئو ساھەسى ۋە بارلىق مەشھۇر گېزىت - ژورناللاردىكى خەۋەرلەرنىڭ باش بېتى دالاي لامانىڭ 5 كۈنلۈك گېرمانىيە زىيارىتىگە ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پىكىر - مۇلاھىزىلەرنىڭ مەزمۇنى ھەر خىل بولماقتا.

"سول قولۇمنى دۇنياغا، ئوڭ قولۇمنى خىتايغا سۇندۇم.."

19 - ماي كۈنى، گېرمانىيىدىكى زىيارىتىنى ئاساسەن ئاخىرلاشتۇرغان دالاي لاما، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنى چاقىرغان. مۇخبىرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى ت ۋ ئىستانسىسى، خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، مەجمۇئە گېزىتى، يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ بار بولۇپ، دالاي لاماغا ھەر تۈرلۈك سوئاللارنى قويغان.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 20 - مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دالاي لاما "ئوڭ قولۇمنى خىتايغا، سول قولۇمنى خەلق`ئارا جەمئىيەتكە ئۇزاتتىم، سول قولۇمغا دۇنيا ئىگە چىقتى، خەلق`ئارا جەمئىيەت مېنى قانائەتلەندۈردى، لېكىن ئوڭ قولۇم بوش قالدى، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىغا مۇھتاج. ئەگەر ئوڭ قولۇممۇ مېنى قانائەتلەندۈرسە، مەن سول قولۇمنى تارتىۋېلىپ، خەلق`ئارا جەمئىيەتكە: رەھمەت، خەيىر خوش دەيمەن" دېگەن.

مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن "بۈيۈك تىبەت" نەزەرىيىسىنىڭ دالاي لامانىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، دالاي لاما ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق پىكىرنى بازارغا سالمىغانلىقىنى، ئەمما تىبەتتىن باشقا، چىڭخەي، گەنسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭمۇ ئۆز تەقدىرىنى تىبەت تەقدىرى بىلەن باغلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇخبىرلارنىڭ "ئەگەر تىبەتتە ئالىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇلسا، خىتاي ئارمىيىسىنى تىبەتتىن قوغلاپ چىقىرامسىز؟" دېگەن سوئالىغا، دالاي لاما "مەن ئۇنداق پىكىردە بولۇپ باقمىدىم. خىتاي ئارمىيىسى ۋە تاشقى مۇناسىۋەت خىتاي دۆلىتىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە بولىدۇ، ئەمما باشقا ھوقۇقلار يەرلىك ھۆكۈمەتكە مەنسۇپ بولىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.

"خەلق`ئارا جەمىيەت بېسىمىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا ياردىمى تېگەمدۇ؟" دېگەن سوئالغا، دالاي لاما "خىتاي - تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەقەت مۇشۇ ئىككى مىللەتلا ھەل قىلالايدۇ، ئەمما خەلق`ئارا جەمىيەتنىڭ ئۆز غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى بار" دەپ جاۋاب بەرگەن.

"ئەگەر بىر كۈنى جۇڭگوغا قايتىش مۇمكىن بولۇپ قالسا، سىز قانداق ۋەزىپىدە بولىسىز؟" دېگەن سوئالغا، "مەن ئاللىقاچان پېنسىيىگە ھالىتىگە كەپ قالدىم. ھېچ قانداق ۋەزىپىنى زىممەمگە ئالمايمەن. ئەگەر بىرلىرى ماڭا ئىخلاس قىلماقچى بولسا، مېنى بىر راھىب ئورنىدا كۆرسە يېتەرلىك" دەپ جاۋاب بەرگەن.

دالاي: مەن لامالىقتىن ۋاز كېچىشكە رازى

دالاي لاما يەنە، ئەگەر تىبەتتە ھەقىقى ئاپتونومىيە ئەمەلگە ئاشسا، ئۆزىنىڭ 14 ئەسىردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن لامالىق تۈزۈمىدىن ۋاز كېچىشكىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆزىنىڭ پۈتۈن غايىسىنىڭ تىبەتتە دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن.

مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن يەنە "جۇڭگو تەرەپنىڭ تەكلىۋىنى تاپشۇرىۋالسىڭىز، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشامسىز؟" دەپ سورىغان. دالاي لاما بولسا "ئولىمپىك مەشئىلى يىقىلىشتىن ئىلگىرىلا، مەن پۈتكۈل تىبەت رايونلىرىغا ئولىمپىكنى قوللاش چاقىرىقى ئېلان قىلدىم. چۈنكى، بۇ 1مىليارد 300مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان چوڭ دۆلەتنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان ئىش. ئولىمپىك مەش`ئىلى لوندون، پارىژلاردىن ئۆتكەندە مەن تىبەت تەشكىلاتلىرىنى قارشىلىق كۆرسەتمەسلىككە دەۋەت قىلدىم. لېكىن بەزىلەر گېپىمنى ئاڭلىمىدى" دېگەن ۋە ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەت ئىجابىي تەرەققى قىلسا، ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 
دالاي لاما يەنە، خىتاي بىلەن ئىلگىرى ئالتە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، يەتتىنچى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ تىبەتتىكى ۋەقەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىنى، كېلەر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ 6 - ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىقى دائىم تېنىچلىققا تايانمايدۇ

كۆزەتكۈچىلەر، دالاي لاماغا يۈكسەك باھا بېرىشمەكتە. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، دۇنيانىڭ تىنچلىق سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان ۋە بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بۇ ئادەمنىڭ خىتاي ئۈچۈن چوڭ بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىسا، دالايدەك تېنىچلىقنى قورال قىلغان ئىككىنچى بىر داھىينى تىبەتلىكلەر ئارىسىدىن تاپالمايدىغانلىقىنى، دالايدىن كېيىنكى تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقىدەك تېنىچ شەكىلدە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

سىياسەتچىلەر يەنە، خىتاينىڭ تىبەت مەسىلىسىدە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلماقتا. خىتاي سىياسىيونلىرىمۇ خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىدىكى خاتالىقلىرىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىمۇ بۇ مۇنازىرىلەردىن ئورۇن ئالماقتا.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.