داۋۇت ئۆلۈۋالدىمۇ، ئۆلتۈرۈلدىمۇ؟

«داۋۇت قانداقمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسۇن!» داۋۇتنىڭ ئېچىنىشلىق ۋە سىرلىق ۋاپاتى ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە گۇمان قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائەت باش زاۋۇتىنىڭ كەچلىك كۆرۈنۈشى.
ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائەت باش زاۋۇتىنىڭ كەچلىك كۆرۈنۈشى.
www.xjpci.gov.cn

ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائەت باش زاۋۇتىنىڭ ئىنژېنېرى داۋۇت ئىبراھىم، 15-مارت كۆنى كۈندىكىدەك سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئايالى ئۆز قولى بىلەن تەييارلاپ بەرگەن چۈشلۈك غىزاسىنىمۇ ئېلىۋالغاچ، ئادەتتىكىدەكلا خوشلىشىپ ئىشقا چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئامىنە تېخى چۈش بولماستا داۋۇتنىڭ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىق شۇم خەۋىرىنى ئالدى. «داۋۇت قانداقمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسۇن!» داۋۇتنىڭ ئېچىنىشلىق ۋە سىرلىق ۋاپاتى ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە گۇمان قوزغىدى، ھەتتا ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى دوست-يارەنلىرى ئىستانسىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ داۋۇتنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سىرلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، مەرھۇم داۋۇتنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىنىڭ ئارقىسىدا نېمە سىرلار ياتىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن بۇ ئۆلۈمنىڭ ھۆكۈمەت ساقچى تەرەپتىن قاتتىق مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۆلۈمنىڭ ھەقىقەتەن سىرلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى باش زاۋۇتىنىڭ ئىنژېنېرلىرى ئىچىدە 23 يىللىق خىزمەت ستاژىغا ئىگە، كۈزگە كۆرۈنگەن بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئىنژېنېر داۋۇت ئىبراھىم بۇ يىل 4-ئايدا 49 ياشقا توشۇش ئالدىدا تۇراتتى. 15-مارت زاۋۇت تەشكىلى ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە خىزمەتداشلىرىغا ئۇنىڭ 15 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇناردىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى، گەرچە زاۋۇت تەشكىلى داۋۇتنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈمىنى بىر ئۆلۈۋېلىش پاجىئەسى ياكى پەۋقۇلئاددە ھادىسە دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئىشلار، بۇ كەسىپ سۆيەر ئىنژېنېرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە خىزمەتتە يولۇققان بېسىم ۋە تارتقان دەرد-ئەلەملىرى كىشىلەردە ئۇ «قانداق ئۆلۈپتۇ» دېگەن بىر گۇماننى قوزغىدى.

داۋۇتنىڭ ئۆلۈمىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندە مەزكۇر سىرلىق ئۆلۈمدىن خەۋەر تېپىپ، 19-مارت داۋۇتنىڭ ئايالى ئامىنە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق، ئامىنە ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ۋەسىيەتمۇ قالدۇرمايلا ئۆزى بىلەن بۇنداقلا خوشلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى، ئۇنىڭ يەنە داۋۇتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى ئېيتقۇسى بار بولسىمۇ، يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، شۇنچە ئامالسىز، ئاجىزلىقى ئىپادىلەندى.

ئامىنە ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، نېمىدىن، كىمدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى يەنىلا ئوچۇق ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

بۇ ئۆلۈمنىڭ گۇمان قوزغايدىغان تەرەپلىرى، داۋۇت ئادەتتىكىدەك ئىشقا كېتىپ، ئۇشتۇمتۇت ئېگىز مۇناردىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن خەۋىرى كەلگەن. ئۇنى تەشكىلدىكىلەر ھادىسىگە ئۇچرىدى دېگەن، ئەمما ئۇنى كۆرگەن بىرەر شاھىت يوق، ھادىسە يۈز بەرگەن مەيدانغا داۋۇتنىڭ بېرىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ ئېنىق ئەمەس.

كىشىدە تېخىمۇ گۇمان پەيدا قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپ، داۋۇتنىڭ جەسىتىنى كۆرگەن ۋە بۇنى زاۋۇتقا خەۋەر قىلغۇچى دەل كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلىۋاتقان، ئۇزۇندىن بۇيان داۋۇت بىلەن قېرىشىپ كەلگەن بۆلۈم باشلىقى گو دىفاڭ.

داۋۇت ئۆلۈپ ئەتىسىلا ئۈرۈمچىدىن يۇرتى ئاقسۇ بايغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان

داۋۇتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بەزى گۇمانلىق تەرەپلىرى پاش بولغان بولسىمۇ، سىرى تېخى ئاشكارىلانمىدى، چۈنكى بۇ ھەقتە زاۋۇت تەشكىلى ۋە ساقچىخانا ئىزچىل ھالدا زىيارىتىمىزنى رەت قىلماقتا، زاۋۇتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەر بولسا ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق ئىپادىلىمەكتە. ھەتتا داۋۇتنىڭ ئايالى ئامىنە خانىمنى ئىككى كۈندىن كېيىن يەنى 21-مارت قايتا زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ۋە پوزىتسىيىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم بولدى، داۋۇتنىڭ ئۆلۈمىگە يەنە بىر سىر قېتىلدى، چۈنكى ئالدىنقى زىيارىتىمىزدە «داۋۇت ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمايدۇ» دەپ كەسكىن ئىپادە قىلغان ئامىنە خانىم بۇ قېتىم «مەنمۇ زاۋۇت ئېيتقاندەك، ئۇنى شۇنداق قىلدىمىكىن (ئۆلۈۋالدىمىكىن) دەپ ئويلاۋاتىمەن» دېدى. ئۇنىڭ «داۋۇت ئۆلدى، لېكىن قىزىم تېخى كىچىك، مەن گۇمانلانساممۇ قانداق قىلالايمەن» دەپ تەكىتلىشىدىن، ئۇنىڭ كېيىنكى بايانلىرىنىڭ ئۆز خاھىشىغا خىلاپ مەجبۇرەن قىلىنىۋاتقان ئەندىشىلىك نىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

داۋۇت، ۋەسىيەتسىز، سەۋەبسىز، زادى قانداق ئۆلدى، ئۇ راستىنىلا ئۆلۈۋالغانمۇ ياكى كىشىلەر گۇمان قىلىۋاتقاندەك ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟ ئۇنىڭ قاتىلى كىم؟
داۋۇتنىڭ دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقان، خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇ گۇمانلىرىنى يېشىش ئۈچۈن يەنە داۋاملىق ئۇچۇر ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، داۋۇت بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز خوشلاشتى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈم سىرلىرى ھامان ئاشكارىلانغۇسى.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

olturuldi

Mar 24, 2012 08:11 PM

تولۇق بەت