ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ: خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتۇق

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قەشقەر، ئۈرۈمچى، شىئەن ۋە شاڭخەيگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى تاماملاپ بېيجىڭگە يېتىپ كەلدى. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىئېچى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.11.01
Tashqi-ishlar-ministiri-ahmet-dawutoglu-305 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻫﻤﻪﺕ ﺩﺍﯞﯗﺗﻮﮔﻠﯘ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەدەنىي - مائارىپ جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى ھەققىدە ئورتاق پىكىرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ پروگراممىمىزدا، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت ر ت مۇخبىرى فەرھات ئاقچانىڭ بېيجىڭدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن پارچىلارنى سىلەرگە سۇندۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.