ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئەركىنلىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشنى تەشكىللەشتىن مەقسەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە نىسبەتەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.26
DC-namayish-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

 نامايىشقا 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى

نامايىش شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا باشلاندى. نامايىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەزالىرى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزالىرى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسمى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ياقىلىغۇچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، 150 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

نامايىشقا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باش كاتىپى ئالىم سىيىتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالىم سىيىتوف، نۇتقىدا خىتاينىڭ 2001 - يىلى ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، ئولىمپىكتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئولىمپىك ساھىبخانىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىۋېلىپلا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

" بىز شۇ ئۆز ئاۋازىنى چىقىرالمىغان كىشىلەرگە ۋاكالىتەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگىنى كەلدۇق"

ئۇ خىتايدىكى كىشىلىك دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىل مارتتا خوتەن ۋە تىبەتلەردە يۈز بەرگەن نامايىشنى مىسال قىلدى ۋە خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللىرى تەرىپىدىن تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئايالنى قولغا ئالغانلىقىنى ھەمدە بۇلارنىڭ تېخىچە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئالىم سىيىتوف چەتئەللەردە ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۆتكۈزۈشكە قارشى كىشىلەرنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلالىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ئىچىدە بۇ خىل نامايىشلارغا مۇمكىنچىلىك يوق بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: " ئەمما شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر جازاسى سەۋەبلىك خىتايغا قارشى ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە مۇيەسسەر بولالمىدى. شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ يەرگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك، بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى ئۆز ئاۋازىنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئاشۇ كىشىلەرگە ۋاكالىتەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگىنى كەلدۇق."

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى:" رابىيە قادىر، بۇ غەيرەتلىك ئايال، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئۆز ئەركىنلىكىنى بەدەل قىلىپ تۆلىدى"

نامايىش بېشىدا يەنە، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋاشىنگتون بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لۇسى مورىللون خانىم سۆزگە چىقتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك ئېچىلىش ھارپىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، سىياسىي پىكرى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

مورىللون خانىم، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۇچۇن كۈرەش قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ: " رابىيە قادىر، بۇ غەيرەتلىك ئايال، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئۆز ئەركىنلىكىنى بەدەل قىلىپ تۆلىدى" دېدى ۋە خانىمنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى ئۇچۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئىزچىل تۈردە پاراكەندە قىلىپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى، توردا ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن " بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىدىكى ماقالە ئېلان قىلدى " دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ " ئىنتېرنېت ئۆكتىچىلىرى ياكى ئىنتېرنېتتە قارشى پىكىر ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن مەھبۇسقا ئايلانغۇچىلار " تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋاشىنگتون بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لۇسى مورىللون خانىم يەنە، ئولىمپىككە پەقەت بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت قالغاندىمۇ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، 2001 - يىلى خىتايغا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ساھىپخانلىقى بېرىلگەندە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، گەرچە كىشىلەر خىتايغا پۇرسەت بېرىلسە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات ئەركىنلىك قاتارلىقلارغا يول ئېچىلىدۇ دەپ چۈشەنگەنلىكىنى، ئەمما بۇلارنى ھېچ قايسىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: " مانا بۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى. ئۇلار خىتاينى 2001 - يىلى خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشقا قىستاش جەھەتتە ئانچە كۆپ كۈچ چىقارمىدى."

 قەشقەردىكى ئولىمپىك مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى بىر ياسالما " نىقابلىق تانسا "

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى پىلانى بۇيىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى 26 - ئىيۇندىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلانىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىپ 17 - ئىيۇنغا ئۆزگەرتكەن ھەمدە ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈچلۈك مۇداپىئە ئاستىدا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

لۇسى مورىللون خانىم بۇ نۆۋەت قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى بىر ياسالما يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان " نىقابلىق تانسا " دەپ ئاتىدى. ئۇ مۇندا دېدى: " شۇنداق، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى بىر ياسالما ھالدا ئېلىپ بېرىلغان 'نىقابلىق تانسا' دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۈنكى پائالىيەتكە ھۆكۈمەت ئۆزى تاللىغان بىر قىسىم كىشىلەر قاتناشتى ھەمدە باشقىلار ئۆيلىرىدىن چىقماسلىققا، پائالىيەتنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈشكە مەجبۇرلاندى."

ئۇ يەنە بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئەسلىدە بىر تەبرىكلەش تۈسىنى ئېلىشنىڭ ئورنىغا قەشقەردە كىشىلەرنىڭ بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سورۇندىن ئامالنىڭ بارىچە يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ: "بۇ بىر ئىنتايىن كۈلكىلىك ئىش بولۇپ، ئولىمپىك روھىغا بەكمۇ زىت" دېدى.

ياڭ جىيەنلى:  "خىتايدىكى مېھمانخانىلارنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىغى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئولىمپىك روھىي بىلەن پۈتۈنلەي زىت"

بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىكى مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي دېموكراتلىرى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن " پۇراق كۈچى" كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى ياڭ جىيەنلى، جۇڭگو ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىس چېن مىڭ ۋە جۇڭگو دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جۈن قاتارلىقلار ۋە بۇ پارتىيىلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى قاتناشتى.

بۇ نامايىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن كەچ بوستۇندىن كەلگەن ياڭ جىيەنلى، خىتايدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ شەھەرلەردە مېھمانخانىغا قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئولىمپىك روھى بىلەن زىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: "ھازىر ئۇلارنى نۇرغۇن مېھمانخانىلار قوبۇل قىلمايدۇ. كۆپچىلىك ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، بۇ كەمسىتىش بولماي نېمە؟ كەمسىتىش، ئولىمپىك روھىي بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ ‏ - قارشى ئۇقۇم دۇر" دېدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇلارنى ناھايىتىمۇ ئۇتۇقلۇق ھالدا " تېررورچى" دەپ ئاتاشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ھەمدە خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك تۇيغۇسىغا ئوت يېقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ياڭ جىيەنلى: "ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىغان بىرەرسىمۇ يوق ئىكەن"

ياڭ جىيەنلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئاتاشقا كۆرسەتكەن سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: " ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىشىدىكى بىردىن - بىر باھانىسى ئۇيغۇرلار زوراۋان ۋاسىتىلەرنى قوللاندى دېيىش. سوراپ باقاي، خىتايلارنىڭ ئارىسىدا زوراۋان ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر يوقمۇ؟ بىر خىتاينىڭ زوراۋان ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەنلىكى بىلەن بارلىق خىتايلار زوراۋان ئۇنسۇرلارغا ئايلىنىپ قالامدۇ؟"

ياڭ جىيەنلى يەنە، خىتايدا ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېزىلىشكە ئۇچرىشىنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ بەلكى خىتاي كومپارتىيىسى خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: " ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلار بىلەن تونۇشتۇم ھەمدە ئۇقتۇمكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمىغان بىرەرسىمۇ يوق ئىكەن."

ئۇ يەنە: " خىتايدا بەزى كىشىلەرنىڭ چوڭ خەنزۇچىلىق ئىدىيىسىنى ئىشقا سېلىپ مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى قوزغاپ ھەتتا ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ باقماي تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆچ بولماقتا. مانا بۇ رىئاللىقنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان" دېدى.

ياڭ جىيەنلى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىراقتىن كېلىپ بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ بۇ كۈننىڭ ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندىن ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتىدىغان كۈن ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ۋاقتىنى ئۆزگەرتىپ پائالىيەتنى بۇرۇن ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ بۈگۈن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سۆكۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

نامايىشتا يەنە خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جۈن ۋە خىتاي لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېن مىڭلارمۇ سۆزگە چىقتى. ئۇلار ھەر ئىككىلىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سىيىتوف بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ خىلدىكى نامايىشنىڭ ئۇيغۇر مىللي دەۋاسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.