ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ «دېموكراتىك سايلام» ھەققىدىكى بايانلىرى

ئۇيغۇر يېزىلىرىدا دېھقانلارنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق كەنت باشلىقلىرىنى سايلاۋاتقانلىقى ھەم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلارغا كادىر قىلىپ بەلگىلىنىۋاتقانلىقىنىنىڭ يالغانلىقى ئېنىقلاندى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە بۇلتۇر ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېمتىھان ئارقىلىق، ئۇيغۇر يېزىلىرىغا يېزا كادىرلىرى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلدى.

بۇ خىل خەۋەرلەردە يەنە، بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ھەر 3 يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان كەنت باشلىقلىرىنى دېموكراتىك سايلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز كۆڭلىدىكىدەك كىشىلەرنى كەنت باشلىقى قىلىپ سايلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئەمما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇشىدا ئېلان قىلىنغان،«ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەنلەرنى ئېمتىھان ئارقىلىق يېزا كادىرلىرى قىلىپ تەيىنلەش، كەنت باشلىقلىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاش» شوئارىنىڭ يەنىلا قەغەز يۈزىدىكى سىياھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

خوتەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان، ئۆزىنىڭ تېلېۋىزور ھەم گېزىتلەردىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزا كادىرى قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلار تۇرۇشلۇق كەنتتە، كەنت باشلىقىنىڭ 5-10 يىلدىمۇ ئالماشمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يېڭىدىن بەلگىلىنىدىغان كەنت باشلىقلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان، يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن سايلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ دېھقان بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاندىن ھازىرچە دېھقانلارنىڭ يېزا كادىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىرنەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا كەنت باشلىقلىرىنىڭ 5 يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كەنتىدىكى كەنت باشلىقى ھەم سېكرېتارنىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئالماشمىغانلىقىنى، دېھقانلارنىڭ يېزا كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىدىن كۆڭلىدە نارازى بولسىمۇ، لېكىن ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلى رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىرەيلەن بىزگە، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنتتە يىللاردىن بۇيان دېھقانلار قاتتىق نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇسەمەت ئىسىملىك كەنت باشلىقىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاكتىپ ئىشلىگىنى ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىشى بىلەن بۇ يىل يەنىلا ئۆز ئورنىدا كەنت باشلىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇ كەنتتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىرەيلەن سۆزىدە، 3 يىل ئىلگىرى ئابدۇسەمەت كەنت باشلىقى بولۇپ سايلانغان چېغىدا، دېھقانلار قاتتىق نارازى بولغان بولسىمۇ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېسىم قىلىشى بىلەن، ئابدۇسەمەتنىڭ كەنت باشلىقى بولۇپ سايلانغانلىقىنى، ئەينى چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كەنتكە ساقچى خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئابدۇسەمەتنى سايلاشقا نارازى بولغان كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دېھقانلارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار ئۆز ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ناھەقچىلىكلەر ھەققىدە يۇرت ئىچىدە قايناپ سۆزلەش بىلەنلا قالىدىغانلىقىنى، ھازىرچە دېھقانلارنىڭ ئاۋازىنى ھېقىقى ئاڭلايدىغان جاي بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنلارغا بېرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، ئەمما دېھقانلارنى نارازىلىقىنى قوزغىغان يېزا كادىرلىرىنىڭ يەنىلا خەلق ئارىسىدا لەنەتكە قالىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇ خىل كىشىلەرنى ئۆز قوينىغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.