دەۋاگەر ئايگۈل توختى "رەئىس ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ ئاپتوموبىلىنى توستى" دەپ ئەيىبلىنىپ 10 كۈن قاماقتا ياتتى

ئاممىغا ئىشىنىش ۋە ئاممىنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىش خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان رەھبىرى كادىرلارغا خاس خىزمەت ئىستىلىدۇر.

0:00 / 0:00

ئەمما، بۇنىڭ قۇرۇق شوئاردىن باشقا ئەھمىيىتى يوقلۇقى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئاممىنىڭ شىكايەتلىرىدىن ئىسپاتلىنىپ تۇرماقتا. مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ شېكەر كۆل بازىرىدىن ئۈرۈمچىگە داۋا ئىشى بىلەن كەلگەن ئايگۈل توختى ئىسىملىك ئايال، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىنى توسقان دەپ ئەيىبلىنىپ، 10 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.

پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ شېكەر كۆلى بازىرىدا، 2004 ‏-يىلى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش قۇرۇلۇشى باشلانغان. قۇرۇلۇش داۋامىدا 84 ئائىلىنىڭ قورۇ-جايى مەجبۇرىي چېقىلغان، ئەمما، ئۇلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ماددىي ياردەم بېرىلمىگەن؛ بۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىلەرنىڭ بىر قىسمى جاي-ماكانسىز قالغان ۋە خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. ئۇلار ئەھۋال ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ھەرقايسى جايلارغا بارغاندا، بېشىغا تۈرلۈك تالاپەتلەر كەلگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە 8 يىل ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان بەختىيار ئەپەندىنىڭ، ئايگۈل توختىنىڭ 10 كۈن قاماقتا ياتقانلىقى ۋەقەسىگە بەرگەن باھاسىنى ئاڭلىغايسىلەر.