بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار مەسىلىنى تۆۋەندە ھەل قىلىش ھەققىدە ئۇلارغا خەت يېزىپ بەرگەن. ئۇلار بۇ جاۋابقا رازى بولماي تۇرۇۋالغاندا، خوتەندىكى بىڭتۈەننىڭ ساقچى ۋە كادىرلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش ۋەدىسى بىلەن يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى.
بۈگۈنكى ئىگىلىشىمىزدىن قارىغاندا، ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بىڭتۈەن دائىرىلىرى ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان ۋە پاختا ۋە چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى يەنىلا دۆلەتكە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان. دېھقانلار نارازىلىق بىلدۈرگەندە قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان.