دىلبەر توختىنىڭ ئەرزى توسالغۇلارغا ئۇچرىماقتا

بىز ئىلگىرىكى بىر نەچچە قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىمىزدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن دىلبەر توختى خانىمنىڭ، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە يوللىغان شىكايەت خېتىدە، ئېرى مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ يەكەن گۈلباغ ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق جەريانىدا تاياق زەربىسىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دىلبەر توختى خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

0:00 / 0:00

سۆھبەت جەريانىدا دىلبەر توختى خانىم بىزگە ئېرىنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ دېلودىكى 2 نەپەر ساقچىنى جازالىماي، بۇ دېلونى مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇرەسسەگە قايىل بولماي ئەرز قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

دىلبەر توختى ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتامدۇ ؟ ئۇنىڭ ئەرزنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يەنە قانداق توسقۇنلۇقلارنى قىلىۋاتىدۇ ؟

دىلبەر توختى خانىم 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە تۇتقان ئادۋوكاتلىرىنىڭ ھازىر بۇ ئەرزنى داۋا قىلىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دادىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە خۇي ۋەنمىڭ ئىسىملىك ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشكىلى كەتكەنلىكىنى، ئادۋوكاتنىڭ بۇ ئىشنى قانچىلىك ھەل قىلالىشى يەنىلا يەكەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دىلبەر توختى، بۇ دېلوغا سەۋەبكار بولغان ساقچىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار تۇغقىنى بولغىنى ئۇچۇن،ئۆزلىرىنىڭ ئەرز جەريانىنىڭ يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بىز دىلبەر توختى تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر رايونىنىڭ باشلىقى ئالىم ئەپەندى بىلەن سوھبەتلەشكىنىمىزدە، ئالىم ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ دىلبەر توختىغا داۋاملىق ئەرز قىلىۋېرىشنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن دىلبەرنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ دىلبەر توختىغا ئۆلگەن ئادەم ئۇچۇن داۋاملىق ئەرز قىلىۋەرمەي " بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا نەسىھەت قىلغان" لىقىنى بايان قىلدى.

دىلبەر توختىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئادىل ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت بۇ دېلونىڭ ھەق - تەلەپ قىسمىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، يەنى دىلبەر توختىنىڭ يەكەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت زالىدا، جامائەت گۇۋاھلىق ئورنى خادىملىرى ئالدىدا 50 مىڭ يۇەن خەلق پۇلىنى ئالغانلىقىنى، پۈتكۈل تەرتىپنىڭ قانۇنى يول بويىچە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئادىل ئەپەندى يەنە، ساقچىلارنىڭ مەمەت تۇرسۇن تاشنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى بولسا جىنايى ئىشلار ئەنزىسىگە ياتىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى دىلبەر توختىنىڭ داۋاملىق ئەرز قىلسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز بۈگۈن 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كېچىدە دىلبەر توختى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۇچۇن تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئانىسى ئۇنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىنى ئېيتتى.

دىلبەر توختىنىڭ سىڭلىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ دادىسى توختى ھوشۇر ئاكا، ئۈرۈمچىدىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەن بولۇپ، ھازىر قەشقەر 12 - دوختۇرخانىدا ئىكەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدە مەمەت تۇرسۇن تاشنىڭ ئۆلۈمىدەك ناھەق دېلولار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ، قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىغا بولغان قانۇنى باشقۇرۇشىنىڭ بوش بولۇشى، بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى سۇس، ئىشنى بىر ‏ - بىرىگە دۆڭگەپ ۋاقتىدا ھەل قىلىش تەدبىرى قولانمىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا يان بېسىپ، دېلونىڭ ھەل بولۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانلىقى شۇنداقلا قانۇن ئورگانلىرىدىكى پارىخورلۇق قاتارلىقلار ناھەقچىلىكلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن.