دىلنۇر قاسىموۋا، ئۇيغۇرلار يۈرىكى مۇجۇلغان ھالەتتە ياشىماقتا ئىكەن

قازاقىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كەلگەن دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى ۋە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئانا تىلنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىراتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلار ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: "ئۇيغۇرلار يۈرىكى مۇجۇلغان ھالەتتە ياشىماقتا ئىكەن." دېدى.

دىلنۇر قاسىموۋا خانىم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەمدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىش تېمىلىرى بويىچە، ئۈرۈمچىدە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رۇس تىلىدا كىتاب يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.