ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە خەرىتىسىنى سىزىش غەرىزىدە!

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 11-ئاي كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى «دۆلەت تېررىتورىيىسى ئۇقۇمى تەشۋىقات تەربىيە ھەرىكىتى» نى باشلىغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.11.05
korla-oqutquchi-qanunsiz-diniy-305.jpg كورلا شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا «دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق» ۋەدىنامىسىگە قول قويدۇرماقتا. 2012-يىلى مارت.
Boshun/korla sheherlik ma’arip uchuri tori

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە نۇقتىلىق دۆلەت تېررىتورىيىسى ئۇقۇمى سىياسىي تەربىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىشكە باشلىغانلىقىغا نىسبەتەن، چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

مەلۇم بولغاندەك يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئىدىيىۋى تەشۋىقات تەربىيىلىرى تۈرلۈك نامدا، تۈرلۈك شەكىللەردە داۋام قىلىپ كەلدى. بۇلتۇردىن باشلانغان مەخسۇس دىننى سۇسلاشتۇرۇش تەشۋىق تەربىيىسى ۋە يۈز كۈنلۈك قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرى ئۈزەلمەي تۇرۇپلا، نويابىر كىرىشى بىلەن «ئالتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدىكى سىياسىي تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنى قاپلىدى.

يەنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلارنىڭ 5-نويابىر تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا 11-ئايدىن باشلاپ، كۆپ خىل شەكىللەردە دۆلەت تېررىتورىيىسى ئۇقۇمى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا مەھەللىلەر، كارخانا، مەكتەپ، كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىقلارغا دۆلەت تېررىتورىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك خەرىتە ۋە ئوقۇشلۇقلارنى ھەدىيە قىلىپ، دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردىكى ئۆلچەملىك خەرىتىسىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىدىكەن.

دائىرىلەر بۇ سىياسىي ئىدىيە تەشۋىقاتى ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ۋە قازاق تىلىدا «دۆلەت تېررىتورىيىسى ئۇقۇمى ئاساسىي بىلىملىرى» ناملىق پلاستىنكا ۋە ئوقۇشلۇقلارنى تەييارلىغان بولۇپ، بۇنى 2000 دەك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، 500 مەھەللىنى تاللاپ تارقىتىدىكەن.

«ئالتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ نام بېرىلگەن بۇ قېتىملىق تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىدە، خىتاي دائىرىلىرى ئاممىغا خىتاينىڭ دۆلەت تېررىتورىيىسى خەرىتىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇقتىن باشقا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى، ۋەزىيەت تەربىيىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆپ خىل مەزمۇندا سىياسىي تەشۋىقات-تەربىيە ئېلىپ بارىدىكەن. ئەمما مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە يېڭى باشلانغان بۇ قېتىمقى سىياسىي تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قانچىلىك ئۇزۇن داۋام قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىي تەشۋىقات تەربىيىسىدە نۇقتىلىق دۆلەت تېررىتورىيىسى ھەققىدە خەلققە تەربىيە ئېلىپ بېرىشىنى خىتاينىڭ ھازىرقى ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىنى بىلەن باغلاپ مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتاينىڭ ياپون بىلەن بولغان ئارال مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان جىددىي ۋەزىيىتى، شۇنداقلا 18-قۇرۇلتاي ئالدىدا خىتاينىڭ ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت قاتارلىقلاردىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭا دۆلەتچىلىك ئېڭى تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشتە قوللىنىۋاتقان ۋاسىتە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى بىلەن قانداق باغلىنىشتا ئىكەنلىكىمۇ مۇلاھىزە قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى گېرمانىيىدىكى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى بۇ قېتىملىق دۆلەت تېررىتورىيىسى تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ خىتايچىلىق ۋە جۇڭخۇا مىللەت ئېڭىنى كۈچەيتىش تەربىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيىسىنى مەقسەت قىلىپ مەجبۇرىي تېڭىلغان بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەكسىچە رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، «خىتاي بۇ خىل سىياسىي تەربىيىلەرنى قانچە كۈچەيتىپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە خىتاي خەرىتىسىنى سىزالمايدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.