ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2012-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2011-يىلدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىسىمۇ، بىراق بۇ خىل قوغداش ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان «نورمال دىنىي پائالىيەتلەر» بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ «نورمال دىنىي پائالىيەتلەر» دېگىنى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. ئاتالمىش «نورمال دىنىي پائالىيەتلەر» سىرتىدىكى يەر ئاستى خرىستىئان چېركاۋلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى، فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ داۋاملىق زەربىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە باستۇرۇلغانلىقى تەنقىد قىلىنغان. بۇ بىر يىلدا ھۆكۈمەتنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى داۋاملىق قاتتىق باستۇرغانلىقى، دىنىي پائالىيەتنى كونترول قىلىدىغان قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلغانلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر چەكلىمە قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى قوغداش نامىدا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكى تەنقىدلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بالىلارنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە كەڭ خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بەزى جايلىرىدا بالىلار مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغان، جۈمە نامىزىغا قاتنىشىدىغان ئەھۋاللارنى توسۇپ قالالمىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى قوغداش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەردە 18 ياشنىڭ تۆۋېنىدىكى بالىلارنىڭ ئاتالمىش «خۇراپىي مەزمۇن» دىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈشى چەكلىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان كىشىلەرگە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2011-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشى داۋاملىق ئېغىرلاشقان. بۇ خىل باستۇرۇش، بولۇپمۇ ۋەزىيەتنىڭ «سەزگۈر مەزگىللىرى» دە تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2011-يىلى 4-ئايدا ئىككى ئۇيغۇر مۇسۇلماننى «دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقانلىق» ۋە «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى بېسىپ تارقاتقانلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سۇزان جونسون كوك، دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: خىتاي بىلەن تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈلدى. مەن يىغىنغا قاتنىشىپ، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. يەنى بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە. يىغىندا نۇرغۇن نەرسىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. بىز دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، يالغۇز ئائىلە چېركاۋلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىدۇق. بىز يەنە ئۇيغۇر، فالۇنگۇڭ ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. 36 ئادەمنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشى بېسىمنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىدە ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلەشكە پۇرسەت بېرىلمىگەن يەر ئاستى ئائىلە چېركاۋلىرىنىڭ مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز. شۇڭا ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىز خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاينىڭ رامزان ئېيى مەزگىلىدە بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى، تەرەۋىگە كىرىشىنى، ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرىنىڭ رامزاندا كۈندۈزى تىجارەت قىلىشنى توختىتىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى كۈندۈزى تىجارىتىنى توختاتقان ئاشپۇزۇللارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئېغىر جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دىنىي كەيپىيات يارىتىلىشىنى چەكلىگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا كارنىگى خەلقئارا تىنچلىقنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىدە دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، بۇ دوكلات دۇنيانىڭ ئىستىبداتلىقنى قوغدىغۇچىلارنى كۆزىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن سىگنال. شۇنداقلا بۇ دوكلات يەنە بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، بىزنىڭ باشقا نىشانلىرىمىزنى ئالغا سۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ. بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياج خەلقلەرنى چۈشىنىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەتلەر خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئاممىۋى ئورگانلار بىرلىشىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈش، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى دىپلوماتىك ۋەزىپىسى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 1618-نومۇرلۇق قارارى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان خەلقلەرنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. بىز بۇ مەسىلىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا سەھنىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ «3 خىل كۈچلەر» گە قارشى تۇرۇش سىياسىتى تەنقىدلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» ئەندىشىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا باستۇرۇش خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ دائىم تىنچ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن جىنايى ياكى تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كىمگە قارىتىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ قىيىنلىقى ئەسكەرتىلىپ: ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش ياكى قانۇنى جازاغا تارتىش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي مۇددىئادىكى گۇرۇھلارغا، ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىغا ياكى مەلۇم جىنايى ھەرىكەتكە قارىتىلغانلىقىنى ئايرىماق ناھايىتى تەس، دېگەن.
كلىنتون خانىم، بىر تىڭشىغۇچىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك بىلەن دىنىي ئەركىنلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىنسا، بۇنىڭ كىشىلەرنى رادىكاللىققا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ: بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر سوئال. چۈنكى بىز بەزىدە دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە توختالغاندا، بەزى كىشىلەردە دىنىي ئەركىنلىكنى قوللاش، مەلۇم مەنىدىن تېررورچىلارنى ۋە بۆلگۈنچىلەرنى قوللىغانلىق دەپ قارايدىغان پىكىرلەر بار. بىراق، مېنىڭ قارىشىم بۇنىڭ ئەكسىچە. مېنىڭچە، ئەگەر دىنىي ئەركىنلىككە كەڭ ھۆرمەت قىلىنسا، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئىجابىي يوللار بىلەن ئۆز جەمئىيىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ. ئەگەر كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ ئۇلارنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇلارنى زوراۋانلىققا يېتەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلەرگە ئايلاندۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.