دىنىي مەھبۇسنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا

غۇلجىنىڭ خاگۇسەن ئاچال، دېگەن يېرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پۇقرالىرىدىن يارمەمەت تۇداخۇننىڭ قاماق جازاسى بۇ يىل 9‏-ئايدا توشىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلىسى يارمەمەتنىڭ قاماق مۇددىتى تېزرەك توشۇپ، ساق-سالامەت قايتىپ چىقىشىنى دېلىغۇللۇق ۋە تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.16
Uyghur-Siyasi-mehbus-hayati-305.jpg ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
File

چۈنكى يارمەمەت تۇداخۇننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال تۈرمىگە بېرىپ يوقلاپ كەلگەندىن بۇيان، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان. تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكى ئايالىنىڭ ئېرىنى يوقلاپ تۇرۇشىغا ئىمكان بەرمىگەن.

يارمەمەت تۇداخۇن ناھايىتى مۈجمەل بىلەن سەۋەب بىلەن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ پۇل يىغىپ، يولدىشىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان بىر روپاشلىق خانىمغا ياردەم قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي كۈچلەرگە ياردەم قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.

زىيارىتىمىزدە خالىدە خانىم ئېرىدە ئۆپكە ياللۇغى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.