ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى 2011-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كەڭ ئورۇن بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونغا باش سېكرېتار قىلىپ تەيىنلەنگەن 2010-يىلى 4-ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە تۈرلۈك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ داۋاملىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى 2011-يىللىق دوكلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. «كىشىلىك ھوقۇق ۋە خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئەھۋالى» دېگەن ماۋزۇدىكى 345 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنى، خىتاي جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەھۋاللارغا، يەنى كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، دىنىي ئەركىنلىك، مەھبۇسلار، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسى، ئىپادە ئەركىنلىكى، ئەمگەك ھوقۇقى، پىلانلىق تۇغۇت، ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى، ئاياللار ھوقۇقى، مۇھىت ۋە سالامەتلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئەھۋاللارغا چېتىلىدۇ.
دوكلاتنىڭ 4-بابى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىكى ۋەزىيىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردە ئىزچىل ناچارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى 2011-يىلى داۋاملىق ناچارلاشقانلىقى. 2009-يىلى يۈز بەرگەن نامايىش ۋە توقۇنۇشتىن كېيىن، دائىرىلەر داۋاملىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، تىنچ ئۆكتىچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇستەقىل مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىك قاراشلىرىنى باستۇرغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالغۇچى ئامىل، دەپ قارالغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، رايوندا سىياسىي، ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى ئاشۇرغانلىقى، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ شىنجاڭدا «ھالقىما تەرەققىيات» ۋە «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇش چاقىرىقىنى توختاۋسىز تەكىتلەپ، «مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان شوئارنى، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى «قاتتىق زەربە بېرىش» نى داۋاملىق يولغا قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ دوكلاتىدا «ئورۇنلۇق» مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا يەنە داۋاملىق ئىپادە ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقى تەنقىد قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ 2009-يىلى ئىيۇلدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە توقۇنۇشتىن كېيىن سۆز ئەركىنلىكىنى باستۇرىدىغان بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۆتكەن يىلقى خەۋەرلەردىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوللانغان كىشىلەرنى داۋاملىق باستۇرغانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 2010-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن ژۇرنالىست مەمەتجان ئابدۇللانىڭ شۇ يىلى 4-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى 2009-يىلى 7-ئايدىكى نامايىشقا چاقىرغان ئۇقتۇرۇشنى تەرجىمە قىلىش، چەتئەللىكلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا چېتىلىپ، جازالانغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.
بىراق دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆز-ئىپادە ئەركىنلىكى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار، تور باشقۇرغۇچىلىرى ۋە يازغۇچىلار مەمەت ئابدۇللا بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. دوكلاتتا دىلشات پەرھات، غەيرەت نىياز، گۈلمىرە ئىمىن، نىجات ئازاد، نۇر ئېلى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوللانغانلىق سەۋەبىدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بىراق بۇ سىياسەت ئۇيغۇرغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى قوغداش ۋە ئىشلىتىشى قوغدىلىدىغان قانۇنى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى قوغداش ۋە قوللىنىش ھوقۇقى بولسا خىتاي قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا «قوش تىللىق» مائارىپ مەسىلىسى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە ئۆتكەن يىلى داۋاملىق كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا ئەسكەرتىپ، كەمسىتىش خىتاي قانۇنىدا چەكلىنىدىغان قىلمىش بولسىمۇ، لېكىن ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە خۇسۇسى كارخانىلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا، بەزى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ داۋاملىق مەخسۇس خىتايلارغا ئايرىلغانلىقىنى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئېلانلاردا بۇنىڭ ئالاھىدە تەكىتلىنىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ. دوكلاتتا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ 2010-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان 28 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، يالغۇز خىتايلارنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
