دىنىي زات تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف: بىز يورۇق دۇنيانى بىلىم بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك

دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر مەملىكەتتە شۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان ھەم ئىجابىي ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ ۋە نازۇك مەسىلىدۇر.

0:00 / 0:00


قازاقىستاندا دىنىي ئەركىنلىك مەۋجۇتمۇ؟ ئەگەر مەۋجۇت بولسا، ئۇنىڭ پۇقرالىرى، شۇ جۈملىدىن 300 مىڭغا يېقىن ئاھالىسى بار ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىۋاتىدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ساقلىنىۋاتامدۇ؟ بولۇپمۇ ھازىرقى ياشلار دىنىي تەلىم - تەربىيە مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر بۈگۈنكى كۈندە مەخسۇس تەتقىقاتنى تەلەپ قىلماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى، دىنىي زات تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف بۇ ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.