د ئۇ ق نىڭ 4 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈپ قالدى

د ئۇ ق نىڭ 4 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە 6 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىنى 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىش قارار قىلىنغاندىن كىيىن، مەخسۇس «قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى» قۇرۇلۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان ئىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.03.23
ilham-mexmut-yapon-305.jpg ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيەدە تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تارقىتىپ ياپونىيىلىكلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتتى. 2011-يىلى 17-ئاۋغۇست
RFA

تەييارلىق كومىتېتى 15 كۈندە بىر قېتىم تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ تەييارلىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكىنى توپلاش، قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپىنى يېزىپ چىقىش، نىزامنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش، د ئۇ ق نىڭ 3 يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى يېزىپ چىقىشقا ئوخشاش بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى. تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ ئېغىر خىزمىتىدىن بېرى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىگە بارىدىغان ۋەكىللەرنى توكيودا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى بولۇپ، بۇ خىزمەت ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئۇنداقتا تەييارلىق خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇنداقلا قۇرۇلتايغا ساھىپخانلىق قىلىدىغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى قانداق كېتىۋاتىدۇ؟

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى غەييۇر قۇربان ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىلھام مەھمۇت ياپونىيىدىكى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى توكيودا كۈتۈۋالىدىغان كۈتكۈچى ياپونلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.