ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئېڭى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، 7 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى باشلىنىپ، 23 ‏ - ئىيۇل كۈنى ئاخىرلاشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.23

 ئىستانسىمىز ئىككى كۈندىن بۇيان مەزكۈر كۇرس ھەققىدە بۇ كۇرسقا بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشلىق، كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە كۇرسقا قاتناشقان ئاياللار ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تولۇق مەلۇماتلار ئاڭلاتتى.
 
بۈگۈن رابىيە قادىر خانىم، كۇرسنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەكرار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ نەتىجىلىرىنى شەرھىلىدى ۋە 13 دۆلەتتىن كېلىپ كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىشىغا ئۈمىد باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ رابىيە خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.