د ئۇ ق ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 26 - ماي كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-05-26
Share
National-Press-Club-Site-305 ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.press.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يەرلىك ھەم خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

18 - مايدىن باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلتاي ھەم مۇھاكىمە، سايلام قاتارلىق پائالىيەتلىرى 25 - مايغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا بىر ھەپتە داۋام قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن يەنى 26 - ماي، ۋاشىنگىتوندىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرغا ۋاكالىتەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى قاتنىشىپ، ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە، رادىئو ھەمدە گېزىت، ژۇرناللاردىن كەلگەن مۇخبىرلارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

باياناتچى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىم ۋاشىنگىتوندا، 21 دۆلەتتىن كەلگەن 112 نەپەر ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داۋام قىلغان بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى شەرھىلىگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ تەركىپىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىلا دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا تىنچلىق يولى بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ" دەپ جاكارلىدى.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە، گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان سۇزان باكىرمەنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ۋە يەنە "ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" ناملىق رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگىرافىيىسىنى نەشر قىلغۇچى كېننىس كالېس ئەپەندىلەرمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ مۇخبىرلار گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ھەققىدە كۆپلەپ سوئاللار سورىدى.

مۇخبىرلارنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار نېمىشقا ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمەيدۇ ؟ ئۇلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلسە ئامېرىكىغا تەھدىت پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ ‏- يوق دېگەندەك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئادۋوكات سۇزان باكىرمەنىڭ خانىم ئىنتايىن كەسكىن ھالدا " گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇر تېررورچى ئەمەس، ئۇلار ھېچقاچان تېررورچى بولغانمۇ ئەمەس، خۇددى سوتتا ئاقلانغاندەك، ئۇلار خاتا پەيتتە، خاتا جايدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا، پاكىستاندىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە خاتا ئۇچۇر بىلەن سېتىپ بېرىلگەن. ئۇلار ھېچقاچان ئامېرىكىغا خەتەر پەيدا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز بىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئىنتايىن تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەر، ئۇلار ئالتە يىل ئىلگىرىلا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى، ئەپسۇس ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا ئۈچىنچى بىر دۆلەت چىقمىغاچقىلا ھازىرغا قەدەر گۈەنتانامودا تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا،" دېدى.

ۋە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ھېچقاچان خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە قارارىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىم سېيىتوف، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئەسقەرجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، 21 - ماي كۈنى تارقىتىلىشقا باشلىغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان بىئوگىرافىيىسى " ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال " ناملىق كىتابنى نەشىر قىلغۇچى كېننىس كالىس ئەپەندى، كىتابتا يېزىلغان رابىيە قادىر خانىم ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بەزى مۇھىم ۋەقەلەر شۇنداقلا رابىيە خانىمنىڭ بەزى ئەسلىمىلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى ھەمدە مەزكۇر كىتابنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 21 - كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۆلگۈرۈپ تارقىتىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ كىتابنىڭ بىر قانچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت