د ۇ ق ھەيئىتىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدىن ئارىيەلەر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن 2008 يىلى 4 ئاينىڭ 23 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى تارىخى مەيداندىكى براندەنبۇرگەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.25
girmanye-parlnt-ezaliri-305 گېرمانىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كومىتېتى ئەزالىرىدىن رائىنەر بۇسچېر ئەپەندى ۋە ئانگېلىكا گراف خانىملار د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالدى.
Photo: RFA
 نامايىش باشلاشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى باشلىقى ئۇلىئۇ دەلىئۇس قاتارلىق كىشىلەر ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق مەسئۇلى دېلىك يېررىڭ خانىم بىلەن كۆرۈشتى. ھەيئەت ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دوكلات سۇنغاندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

 دېلىك يېررىڭ خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئەمما ئەھۋالنىڭ بۇ قەدەر ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى دەپ ئۆتتى. نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن د ئۇ ق ھەيئىتىنى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باشلىقى كلائۇدىئا روتھ خانىم قوبۇل قىلدى. كۇرسانتلار بولسا گېرمانىيە پارلامېنتىغا زىيارەت ئېلىپ باردى.

بۇ زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ 13 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە خەلقئارالىق
girmanye-parlnt-ezaliri-200
رابىە قادرى خانىم ۋەكىللەرگە سۆزدە.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى بويىچە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىپ تاپقان 60 كىشىلىك ھەيئىتىنى گېرمانىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كومىتېتى ئەزالىرىدىن رائىنەر بۇسچېر ئەپەندى ۋە ئانگېلىكا گراف خانىملار پارلامېنت بىناسىنىڭ ئىچىدىكى بىر يىغىن زالىدا كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئالدى بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كومىتېتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. كېيىن ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمان ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر كۇرسانتلار ئۇلاردىن سوئاللارنى سورىدى.

بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ كومىتېتنىڭ باشلىقى ھولگەر ھائىباخ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتىنى ئايرىم قوبۇل قىلدى. بۇ ئۇچرىشىشلاردا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بولۇشى كېرەكلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى، ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. د ئۇ ق ھەيئىتى ئامېرىكا سوتى تەرىپىدىن بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانغان گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېلىشى كېرەكلىكىمۇ تەكىتلەندى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش ھەققىدە مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ نەق مەيداندىن ئالغان مەلۇماتىدىن ئارىيەلەر ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.