دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىدىكىلەر گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى
2012.09.21
يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 21-سېنتەبىر كۈنى رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى گوللاندىيە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىش كېڭىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بىر سائەتلىك بۇ سۆھبەتتە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىش كومىتېتى رەھبىرى دۆلەتكە سۇنغان دوكلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەرگەردانلىرىنى ۋەتەنگە قايتۇرماسلىق مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى ۋە بۇ ھەقتە خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشى تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش مەسىلىسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارشى رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارەت قىلغانلىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇھاجىرلار ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمىنى، خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا قايتىدىن كۆڭۈل بۆلگەن. ئالايلۇق، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكەتچىلىرىنىڭ خىزمىتى نەتىجىسىدە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن كېيىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋەتمەيدىغان بولغانىدى. دېمەك رابىيە قادىر خانىمنىڭ گوللاندىيە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىش كېڭىشى بىلەن كۆرۈشۈشى ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىنىڭ بىر بۆلىكىدۇر.
بۇ كۆرۈشۈش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنى خالىسىڭىز، دىققىتىڭىز رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.