د ئۇ ق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010.11.04
2010.11.04

RFA Photo / Pidaiy
30 - ئۆكتەبىر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى خاررى فان بوممىل ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى تەسىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۈرلۈك پىلان - لايىھىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەسلىھەتلەر بولۇندى.

خاررى فان بوممىل ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشتىن ئۆز تەسىرىنى بايان قىلىپ: "مەمەت توختى ئەپەندىمنىڭ ياۋروپا بىرلىكى پارلامېنتىدا تۇرۇپ خىزمەت ئۆتەۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم. ئۇنىڭ تەكىتلىشى بىلەن گوللاندىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغاندەك بولدۇم. بۇندىن كېيىن ئەپەندىم بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن،" دېدى.

مەمەت توختى ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن تەسىراتلار بايان قىلدى. بۇ ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى غەيرەتجان روزى ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋە ئۇچۇرۇشىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.