د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى ئىپتار پائالىيىتىگە كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر قاتناشتى

8-ئاينىڭ 17-كۈنى د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدە تۈرك-ئىسلام جامائەتلىرى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە بىر قىسىم چەتئەل كونسۇللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا چوڭ ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

ئىپتار زىياپىتىگە باۋارىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىرى، گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ كونسۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

mertin-neumeyer-385.jpg
ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتاردا باۋارىيە پارلامېنتى ۋەكىلى مارتىن نەۇمەيەر ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2011-يىلى 17-ئاۋغۇست. (RFA/Ekrem)

زىياپەتتە د ئۇ ق ۋەكىللىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇبارەك رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى ۋە 5-ئىيۇل ۋەقەلىرى تىلغا ئېلىنغان. ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس ئىشلەنگەن ۋىدېئو فىلىملىرى جامائەتنىڭ نەزىرىگە سۇنۇلغان. ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىلى سۆزگە چىققاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە بۇ تەلەپنىڭ باۋارىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. زىياپەتتە يەنە بەزى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە د ئۇ ق ۋەكىللىرى سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا چېكىۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە توختالغان.

myunxen-iptar-385.jpg
ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارغا داخىل بولغان ھەر ساھە زاتلار. 2011-يىلى 17-ئاۋغۇست. (RFA/Ekrem)

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.