خەلقئارالىق مۇھاكىمىنىڭ يەكۈنى 'ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرى'

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن "خىتاي كومپارتىيىسى ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 60 يىلى" تېمىسىدىكى ئامېرىكىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى ئاساسلىق مۇلاھىزە قىلغان قىزىق نۇقتا، "خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرى،" دېگەن تېما بولدى.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتىكى دوكلات ھەم مۇنازىرىلەردە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ خۇلاسىسى بىردەك " ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورچى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ ئۆزى دۆلەت تېررورچىلىقى يۈرگۈزمەكتە ..." دېگەنلەر بولدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇن، ھازىر ھەم كەلگۈسىدىكى پائالىيىتىدە يەنىلا تىنچلىق يولىدا چىڭ تۇرۇدىغانلىقىدەك پرىنسىپنى تەكىتلىدى.

19 - ماي كۈنى ۋاشىنگىتون ئەتراپىغا جايلاشقان NOVA ئالى مەكتىپى مەدەنىيەت مەركىزىدە داۋام قىلغان " كوممۇنىست خىتاي ئىشخالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 60 يىلى" تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا يىغىن ئەھلىنىڭ ئورتاق قىزىقىشىنى قوزغىغان ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسى "خەلقئارالىق تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى" دېگەن تېمىنى مەركەز قىلدى.

مەزكۇر تېمىنى يادرو قىلىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئاساسلىق رەھبەر ۋەكىللىرى، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسەتلىرىگە كۆرسەتكەن سەلبىي ھەم ئىجابىي تەسىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى ھەققىدە دوكلاتلار بەردى. دوكلاتتىن كېيىن يەنە، گۇرۇپپىلار بويىچە كەڭ دائىرىدە مۇنازىرىلەر بىر نەچچە سائەت داۋاملاشتى.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قانچە ۋەكىلنىڭ يىغىندا بەرگەن دوكلاتلىرىدىن ئۇزۇندىلەر ئاڭلاتماقچىمىز.

Duq-NED-yighin-2nchi-kun-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯜﮔﯜﻥ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 19 - ﻣﺎﻱ، ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺭﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo)

خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن قىرغىزىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسەتلىرىگە كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن قىرغىزىستان دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى، ئاخىرىدا سۆزىنى "ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھەم ئۇنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورچىلىقى يۈرگۈزمەكتە" دېگەن جۈملىگە يىغىنچاقلىدى.

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش سېكرېتارى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، خىتاينىڭ تۈركىيىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تېررورچى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئارزۇسىدىكىدەك ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە تەسىر بەرگەنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئوقۇملارنى قانداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەققىدىكى بايانلىرى، مۇھاكىمە يىغىن مەيدانىدىكى مۇنازىرىلەرنى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى سەمەت ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق يوللۇق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، مەزكۇر خەلقئارالىق بۈيۈك يىغىلىشتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى ھەم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ " تىنچلىق" پرىنسىپىدىن چەتنىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئىشخالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 60 يىلى " تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 19 - ماي ۋاشىنگىتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5 تە غەلىبىلىك تاماملاندى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ پائالىيەت كۈن تەرتىپى بويىچە ئۇلار 20 - ماي پايتەخت ۋاشىنگىتوندا بىر قاتار مۇھىم زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولىدۇ شۇنداقلا ئۇلار 21 - ماي كۈنى ئېچىلماقچى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتېيىغا قاتنىشىشنىڭ تەييارلىقىدا.