د ئۇ ق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

4 - دېكابىر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە جىنايى جاۋابكارلىقى بار دەپ قارىغان كىشىلەردىن يەنە 3 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ئۈستىدىن 3 قېتىم سوت ئېچىپ، ئارقا - ئارقىدىن 17 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارادا قاتتىق ئىنكاس قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﻮﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯧﻴﯩﺒﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﺗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 - ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﻮﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯧﻴﯩﺒﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﺗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP PHOTO / HO / CCTV

خىتاي ھۆكۈمىتى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە 21 كىشى ئۈستىدىن تۇنجى قېتىم سوت ئېچىپ، 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، 11 - ئاينىڭ باشلىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 9 نەپەر ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. تۈنۈگۈن يەنى 3 - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى يەنە 13 كىشى ئۈستىدىن سوت ئاچقان بولۇپ، تۈنۈگۈنكى سوتتا 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئەتىگەن يەنە 3 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بۇ 3 كىشى خەيرىنىسا ساۋۇت، رۇزىقارى نىياز ۋە لى لوڭفىي قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى ئۇيغۇر.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ 3 قېتىملىق سوتتا ئارقا - ئارقىدىن 17 كىشىگە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارىتا، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى.

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆز سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانلىق باستۇرۇشنى توختاتمىغانلىقىنى؛ ھازىر خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىنسانى ھەق ‏ - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن، ھەتتا ئۆزىنىڭ سوت قانۇنىغىمۇ خىلاپ ھالدا سوت ئېچىپ، ئۇلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغا ھۆرمەت قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ئىلگىرى قول قويغان ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنى زادىلا ئىجرا قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىدى.
 
دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى،خىتاينىڭ بۇ بىر ئاي ئىچىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ئۈستىدىن ئېچىلغان بۇ 3 قېتىملىق سوتىنىڭ خەلقئارا سوت بەلگىلىمىلىرىگىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سوت قائىدىلىرىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي دېموكراتلىرىدىن "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سوتى ۋە خىتاينىڭ سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خۇپىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: "مېنىڭچە ھازىر بىز خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان بۇ سوتنىڭ پۈتكۈل جەريانى سوت قانۇنى ماددىلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا، پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي قارىشى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. سوتلانغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ 3 قېتىملىق سوت، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھېچقاچان پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق - تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى، قانۇننى پەقەت ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتىكى ۋاسىتە قىلىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى بۇ يىلقى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" بولسۇن ياكى بۇلتۇرقى تىبەت ۋەقەسى بولسۇن، ھەر ئىككىسىدىلا ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا يول قويمىدى. ھازىرغىچە " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىچە بىر جاۋاب بەرگىنى يوق. مانا ھازىر قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازا بىلەن جازالاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتى بۇ رايوننىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە خەلقئارانىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى تېخى يېتەرلىك بولمىدى. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە جىددىي قارىشى، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق -ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك."

خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن ئايدا خىتاينى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قارىتا خىتاينى ۋەقە قاتناشچىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىپلىگەن ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىمۇ 26 - نويابىر كۈنى قارار ماقۇللاپ، "خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى توختات" ماۋزۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىي ئاكتىپلىرىغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (9)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ... ﯰﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ.... ﻫﯧﭽﻘﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﯬﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯬﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﻛﯩﭽﯩﻜﺘﯩﻦ ﺯﻭﺭﺍﻳﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻫﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺴﯩﻤﯘ ﻫﯧﺴﺎﺏ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﯬﯓ ﯬﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺷﯘ.....ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﯰﻗﯘﻣﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻛﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﻪﻳﻠﻰ، ﻳﻮﻝ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﻧﻪﭘﻤﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻤﯘ ﯪﯞﺍﻝ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﯰﻧﯩﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.......

Dec 07, 2009 02:57 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯬﺳﺴﺎﻻﻣﯘ-ﯬﻟﻪﻳﻜﯘﻡ
ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﯘﻗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻫﯘﻗﯘﻕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﻛﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ ﯪﺩﻩﻣﻼﺭ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﯴﭼﯜﻧﻼ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﮕﻪﻥ ﻫﯘﻗﯘﻗﻤﯘ؟ 1948-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﯪﺟﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻐﺎ ﯰﭼﺮﺍﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.! ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻫﯩﻨﺪﺳﺘﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﻧﯩﭙﺎﻟﺪﺍ ﻗﯘﺭﺍﻟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﯞﭼﻰ ﻛﯘﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﻫﯩﻨﺪﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﯩﭙﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻫﯩﺪﯨﺖ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻫﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﭘﯘﻳﯩﺰ ﺑﯘﻻﻳﺪﯗ.ﯬﻣﻤﺎ ﯰﻻﺭ ﺗﯩﺮﯗﺭﭼﻰ ﻫﯩﺴﺎﭘﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ! ﯬﺟﯩﺒﺎ ﯲﺯ ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻳﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﯘﺭﯗﭼﻰ ﺳﺎﻧﯩﻼﻣﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻪ؟

Dec 06, 2009 10:13 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ، <ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ>
ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﯲﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ، ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺑﯘ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻻﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﯪﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻱ ﻗﻮﺯﯨﺴﯩﺪﻩﻙ ﯲﻟﯩﻤﯩﻨﻰ
ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭ.

Dec 06, 2009 08:54 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻣﯩﻨﯩﭽﻪ ﺗﯘﻏﺮﺍ ﻳﯘﻝ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻛﯜﺭﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮ -ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻫﺎﻟﺪﺍ .ﯻﻜﻜﻰ ﺳﻪﭘﺘﻪ .ﯻﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺶ . ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ .ﯻﻜﻜﻰ .ﯪﺩﻩﻣﻼ ﻳﯘﻕ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻤﯩﺰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺩﯰﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻛﺮﺷﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﯰﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ .ﺑﯘﻟﻤﯩﺴﺎ ﺩﯰﻕ ﻏﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ !

Dec 06, 2009 04:41 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯴﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯮﯕﺸﯩﻤﯩﺴﺎﻕ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺮﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯪﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯬﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯪﻏﯩﺮﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﻗﻘﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻕ.

Dec 05, 2009 11:02 PM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت