د ئۇ ق تۈرك سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات سۇندى

د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەيسەرىدىن ئەنقەرەگە كېلىپ تۈركىيىدىكى ھەرقايسى سىياسى پارتىيىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ يېقىندىن بېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-06-30
Share
devlet-bahceli-305 ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻓﻪﺭ ﺋﯘﺳﻜﯘﻟﮕﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

 بۇ زىيارىتىدە يەنە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۇسكۇلگە يېقىندا ئۇرۇمچىدە سوتقا تارتىلىدىغان 65 كىشىنىڭ ئەھۋالى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىدە چېقىۋەتكەن مەسچىت ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئىچىگە ئالغان بىر دوكلاتنى سۇندى.

شۇنداقلا بۇ دوكلاتتا ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىمۇ بايان قىلىنغان. د ئۇ ق مۇاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت