د ئۇ ق خىتاينىڭ رامىزاندا ئۇيغۇرلارغا 'قاتتىق زەربە بېرىش' نى پىلانلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

'گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى' ۋە خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تورى'دا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن سېكرىتارى جۇخەيلۈن 8 ‏ - ئاينىڭ 18 ‏ - كۈنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ جايلاردا 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش' ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانىنى ئېلان قىلغان.

0:00 / 0:00

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇرلاغا قارىتا'تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، باش كۆتەرسىلا ئۇرۇش، ئالدى بىلەن ئەدىپىنى بېرىش'سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم دەپ تەكىتلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقاندىن سىرت، بۇ قېتىم يەنە رامىزاندا قاتتىق زەربە بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ 'ئاساسىي قانۇنى' غىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوللىنىپ كېلىۋاتقان، دنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دىلشات رىشىت باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا 'تېررورچى' دېگەن بەدنام بىلەن زەربە بېرىۋاتقان بۇنداق يولسىزلىقىغا قارىتا، خەلقئارا جەمئىيەتتىن دېپلوماتىيە جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.