د ئۇ ق خەلقئارانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

23 - ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 16 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بىكار قىلىش لايىھىسى سۇنۇلدى. بۇ لايىھە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
www.uyghuramerican.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ لايىھىنىڭ خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەتنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان "سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش"نى چەكلەشتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ لايىھىدە، بىر قىسىم ئىقتىسادىي جىنايەتلەرگە قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش تەكلىپى سۇنۇلغان. لايىھىدە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى، قەدىمىي قەبرىلەرنى، قىممەت باھالىق كان بايلىقلىرىنى، دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئوغرىلاپ سېتىش جىنايىتى، پارىخورلۇق، چىرىكلىك، باج ئوغرىلاش، ساختا تالون ياساش قاتارلىق 13 خىل ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنىش تەلەپ قىلىنغان بۇ 13 خىل ئىقتىسادىي جىنايەت، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەت تۈرلىرىنىڭ 19.1%نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بوب كەسىرىن ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپ لايىھىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما لايىھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 13 خىل جىنايەتنىڭ ئەسلىدىنلا ئۆلۈم جازاسى ئىنتايىن ئاز ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۈرلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان باشقا تۈرلەردىكى ئۆلۈم جازالىرىنىمۇ قەدەممۇ - قەدەم بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۇ لايىھىنىڭ گەرچە خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، پارىخورلۇق ھەم چىرىكلىكتە چېكىگە يەتكەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قوغداپ قېلىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتايدا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن نەچچە ئون مىڭ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، بۇ يىللاردا تۈرلۈك سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ سانى بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى بارغانچە كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن دائىرىلىرى، ۋەقەدە جىنايى جاۋابكارلىقى بار دەپ ئەيىبلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكىگە ئۆلۈم جازاسى ھەم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئوخشاش ئېغىر جازالارنى ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
 
دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇۋاتقان "سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش"نى چەكلەشتە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت