سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 12 - ئىيۇن كۈنىدىكى پائالىيىتىدە ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى نىشمۇرا شىنگو ئەپەندى قاتارلىق ياپونىيە ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولسا، 15 - ئىيۇن، ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن، شۇنداقلا توختى مۇزات مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
13 - ماي كۈنى بولسا ياپونىيە ئىقتىسات گېزىتىگە ئىككى سائەتلىك بايانات بەرگەن. ئۇ بۇ باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ياپون ھۆكۈمىتىدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ مەدىنىيەت قاناللىرىدىن بىرى بولغان فۇكۇرا تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇر مەسىلسىنى ئاڭلاتقان.
د ۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00