د ئۇ ق تۈركىيىدىكى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 - يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 12 دۆلەتتىكى 20 شەھەردە 27 تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا. بولۇپمۇ تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقى بويىچە، تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلەرنى، پارلامېنت ئەزالىرىنى ئايرىم - ئايرىم زىيارەت قىلىپ ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلماقتا.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كامۇ - سەن يەنى كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بىرجان ئاقيىلدىز، سالامەتلىك خىزمەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى مۇستافا باش، تۈركىيە مېتال ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى باش سېكرېتارى پەۋرۇل قاۋلاق ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى يالچىن توپچۇ قاتارلىق كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇلار ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۆزلىرىنىڭ شۇنداقلا ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭمۇ ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە سالامەتلىك ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى باشلىقى مۇستافا باشوغلۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى قوللاپ ‏ - قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە باش مىنىستىرى بۇ داۋاغا ئىگە چىقسا بولاتتى. سىلەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىگە بېرىڭلار، ئۇلار بۇ داۋاغا ئىگە چىقسا بولىدۇ. 5 - ئىيۇلدا مەن سىلەرگە ياردەم قىلىمەن، قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن. مەن بۇرۇنمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىشقا قاتنىشىپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قاراگۈلچەمبىرەك قويغان ئىدىم. سىلەرنىڭ 5 - ئىيۇلنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پۈتۈن پائالىيەتلىرىڭلارغا ئاكتىپ قاتنىشىمىز. بىز ھەر زامان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى قوللاپ ‏ - قۇۋەتلەيمىز."

كېيىن د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى يالچىن توپچۇ ئەپەندىنى پارتىيە مەركىزىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى. د ئۇ ق ھەيئىتىنى پارتىيە رەھبەرلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "قىممەتلىك دوستلار، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى مەركىزىمىزدە كۈتۈۋالغانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى خوشال بولدۇم. ئادرىئاتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە بولغان تۈرك ئىسلام زېمىنىدا ئەسىرلەردىن بېرى قان تۆكۈلمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇلدا خىتايلار ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق تېخى يادىمىزدىن چىققىنى يوق. شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار ئەسىرلەردىن بېرى قان تۆكۈۋاتىدۇ، بۇنى دۇنيا دۆلەتلىرى توختىتىشى كېرەك. پارتىيىمىز بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەققانىي داۋاسىنى قوللاپ ‏ - قۇۋۋەتلىمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللايمىز. 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىڭلارغا ئاكتىپ قاتنىشىمىز ۋە قوللاپ ‏- قۇۋەتلەيمىز."

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تۈركىيىدىكى سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكرافونىمىزنى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگىمۇ ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.