د ئۇ ق ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ب د ت دە مەخسۇس ۋەكىل تۇرغۇزدى

د ئۇ ق رەھبەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بريۇسسېلدىكى مەركەزلىرىگە ۋەكىللىككە تەيىنلەنگەن ئىككى نەپەر ئالاھىدە خادىم ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلىدى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە بۇ د ئۇ ق پائالىيەتلىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.09.06
Memet-Toxti-ependi-305 د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى.
Photo: RFA

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىپ، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ب د ت گە مەخسۇس ۋاكالەتچى تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
 
بۇ قارار بويىچە، 2010 - يىلى 6 - ئايدا كەسي پولىئاس خانىم د ئۇ ق نىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مەخسۇس ۋەكىللىكىگە بەلگىلىنىپ نيۇيوركتا ئىش باشلىغان ئىدى. 2010 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ د ئۇ ق، كىسي پولىئاس خانىمنى نيۇيوركتىن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىگە يۆتكەشكە قارار قىلدى.

د ئۇ ق ئىككىنچى باسقۇچتا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدىمۇ مەخسۇس ۋەكىل تۇرغۇزۇشقا قارار قىلدى ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنى، 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق مەخسۇس ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى. مەمەت توختى ئەپەندىنى، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، رابىيە خانىم ۋە د ئۇ ق نىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرى مەخسۇس ئۇزۇتۇش مۇراسىمى بىلەن ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىگە ئۇزۇتۇپ قويدى.

مەمەت توختى ئەپەندىنى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بريۇسسېل ئايرودرومىدا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەمەت توختى ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا رەسمىي خىزمەت باشلاشتىن بۇرۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.