نامايىشچىلار قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيە بايرىقىنى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا "تېررورىست قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت! يا ئاللاھ بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر! شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان!" دېگەندەك، شوئارلارنى توۋلىشىپ خىتايلارنى ئەيىبلىدى.
نامايىشقا قاتناشقان ياشلار ھەممە بىردەك شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىشتى.
نامايىشچىلار قەسەم ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ باياناتىدا خىتايلارنىڭ بارىن ۋەقەسىدە نۇرغۇن بىگۇناھ ياشلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىنكى 20 يىل جەريانىدا بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بۇنىڭ بىر پاكىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باياناتىدا يەنە، دۇنيا دۆلەتلىرىنى، بولۇپمۇ تۈرك ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دەم ئېلىش كۈنى دېمەستىن ئۇزاق يەرلەردىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان تۈركلەرگە شۇنداقلا مۇخبىرلارغا رەخمەت ئېيتتى. نامايىش خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.
تۈركىيىدە قارا گۈل چەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلغانلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن قۇيىلىدۇ.
بىز نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلارغىمۇ مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئالى جان ئىسىملىك بىر نامايىشچى مۇنداق دېدى: "مەن خىتايلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيمەن. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. مەن بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن."
نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتايغا بولغان غەزەپ نەپرەتلىرىنى ئىپادىلەشتى.
بۇ نامايىش د ئۇ ق نىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.