سېيىت تۈمتۈرك: «ئەردوغان زىيارىتى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يېڭىدىن تونۇتتى...»

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايدا 7-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە ئېلىپ بارغان زىيارىتى بۈگۈن ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

باش مىنىستىر باشلىق 300 دىن ئارتۇق ۋەكىلدىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشلانغانلىقى، ئۇيغۇرلاردا ۋە تۈرك مەتبۇئاتىدىمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

تۈركىيىدىن تېلېفون ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتايغا قانداق سىگنال بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ «ئەردوغاننىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى ئۈرۈمچىدىن باشلىشى، ئۇيغۇرلارغا تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپ، ئىلھام ھەم جاسارەت بېغىشلىسا، خىتايغا نىسبەتەن بىر مۇشت بولدى...» دېدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.