ئەردوغان:'نەدە قېرىنداش تۈركىي مىللەت بولسا، بىز شۇ يەردە'

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىغا زىياپەت بەرمەكچى. زىياپەتنىڭ شوئارى "نەرەدە بىر سويداش ۋارسا بىز ئورادايىز" ، يەنى، "نەدە بىر قېرىنداش تۈركىي مىللەت بولسا، بىز شۇ يەردە" دېگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا تۈركىيىدىكى پۈتۈن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تەكلىپ قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﻴﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ "ﺑﯘ ﯞﻩﻫﺸﯩﻠﯩﻚ" ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﯩﺒﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﯨﺰﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

http://yenisafak.com.tr ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ زىياپەتكە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاندىن باشقا، تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك، ئالىي رەھبەرلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.

ئىستانبۇل ئوق مەيدانىدىكى گرانت جەۋاھىر مېھمانخانىسىدا بېرىلىدىغان بۇ زىياپەتكە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى تەكلىپ قىلىنغان.

بىز بۇ زىياپەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ زىياپەتكە قاتنىشىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت