ئەركىن ئابدۇللا بېيجىڭدا چوڭ ھەجىملىك بالىلار ناخشا - ئۇسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.09.18
2008.09.18
AFP Photo
بۈگۈن بېيجىڭ باۋلى سارىيىدا بۇ ياش سەتئەتكارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چوڭ ھەجىملىك بالىلار ناخشا - ئۇسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۈر كېچىلىكنىڭ بارلىق كىرىمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاپەت رايونلىرىغا ئىئانە قىلىنىدىكەن.
18 - سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ باۋلى سارىيىدا، ئۇيغۇر گېتتار شاھزادىسى ئەركىن ئابدۇللا بىلەن تەڭ قەشقەر بالىلىرىنىڭ سەھنە ئىگىلىشىدىكى " رەڭدار قەشقەر - پامىر ئىگىزلىكى بالىلار رىۋايىتى " ناملىق چوڭ ھەجىملىك بالىلار ناخشا - ئۇسۇل كېچىلىكىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئويۇنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ كېچىلىك 21 - سېنتەبىرگىچە تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ،ياش ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى، نۇرغۇن داڭلىق مۇزىكانتلار ھەمدە قەشقەردىن كەلگەن 41 نەپەر ئۆسمۈر بالىلارنىڭ قاتناشچىلىقىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر سەنئەت كېچىلىك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مەزكۈر كېچىلىكنىڭ بارلىق كىرىمى پۈتۈنلەي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپەت رايونلىرىغا ئىئانە قىلىنىدىكەن.
ئەركىن ئابدۇللانىڭ قەشقەر بالىلىرى بىلەن بىرگە ئويۇشتۇرغان بۇ سەنئەت كېچىلىكىگە قەشقەر دىيارى پامىر ئىگىزلىكىدىكى 12 ناھىيىدىن ئۇيغۇر، تاجىك، قىرغىز ۋە ئۆزبەك مىللەتلىرىدىن بولغان بالىلاردىن تەشكىللەنگەن ئۆسمۈرلەر ئۆمىكىدە، 5 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بىر - بىرىدىن چىرايلىق ھەم زېرەك كىچىك ئارتىستلارنىڭ، چۈچۈك تىلى، مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن بىر قانچە خىل تىللاردا ئېيتقان ناخشىلىرى، رەڭدار، ئوماق، تەبىئىي ئۇسۇللىرى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرغان ھەم تەسىرلەندۈرگەن.
مەزكۈر كېچىلىكتىكى سەنئەت نومۇرلىرى ئاساسەن بالىلار ناخشىلىرىنى، ئەركىننىڭ قەدىمقى بالىلار چۆچەكلىرى ئاساسىدا ئىشلىگەن ئىجادىي ناخشىلىرى، ئەلنەغمىلەر، يېڭى مۇزىكىغا سېلىنغان خەلق ناخشىلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەركىن ئابدۇللا نەق مەيداندا ناخشا ھەم مۇزىكا ئورۇنلىغاندىن باشقا، بالىلار بىلەن بىرلىكتە خور، ناخشا - ئۇسۇل نومۇرلىرىنىمۇ كۆرسەتكەن. غەربىي دىيارنىڭ بۇ رەڭدار يۇلتۇزلىرى نۆۋەتتە خىتاينىڭ مۇھىم تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا، خوڭكوڭ سۇمرۇغ قاناللىرىدا كۆرسىتىلمەكتە.
خوڭكوڭ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ داڭلىق ئوبزورچىسى يۇەن سىشەن ئەپەندى مەزكۈر كېچىلىك نەق مەيدانىدا تۇرۇپ سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە مۇخبىرىغا، ئۆزىنىڭ بۇ گۈزەل ھەم سەبىي بالىلاردىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كېچىلىكتىن بىر مىللەت بالىلىرىغا بولغان مەدەنىيەت - سەنئەت تەربىيىسىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھەقىقىي چۈشەندىم" دېگەن.
مەزكۈر كېچىلىكنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچى رېژىسورلىرىدىن بولغان شياۋ شى " بىزنىڭ بۇ بالا ئارتىستلارنى تېپىپ بىر يەرگە يىغمىغىمىز ئىنتايىن تەس بولدى، خۇددى بۇ مىللەتنىڭ سەنئىتىنىڭ تامچىمۇ - تامچە يىغىلىپ بىر مەدەنىيەتنى ھاسىل قىلغىنىغا ئوخشاشلا، بىز بۇ مەدەنىيەت ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بېشىدىن يەنى بالىلاردىن باشلىشىمىز كېرەك " دەپ بىلدۈرگەن.
"رەڭدار قەشقەر - پامىر ئىگىزلىكىدىكى بالىلار رىۋايىتى "سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەزكۈر كېچىلىككە نازارەت قىلغۇچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى شى شىڭتيەن مەزكۈر كېچىلىكتىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىش مەقسىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ ئۇ " ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ يەنىمۇ راۋاجلاندى، جانلاندى، قەشقەر بالىلىرىنىڭ بۇ ئويۇنى شىنجاڭغا ئىنتىلىدىغان يەنىمۇ كۆپلىگەن دوستلارنى جەلپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دېگەن.
مەزكۈر كېچىلىكنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى شۇنداقلا قەشقەر ۋە پامىر بالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ بالىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەركىن ئابدۇللا مۇخبىرلارغا، بۇ شاكىچىك چولپانلارنىڭ بىر نەچچە ئايلىق جىددىي مەشىق جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ھەم سەۋىرچانلىقىغا ھەيران قالغانلىقى، ئۇلاردىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكى، بۈگۈنكى ئويۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدا بۇلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ ھەممىدىن زورلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ بالىلاردىن، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، ناخشا - مۇزىكىسىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئەركىن ئابدۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۈر بالىلار ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى خالىس بالىلار مەدەنىيەت گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئويۇشتۇرغان كېچىلىكىنىڭ كىرىمى پۈتۈنلەي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ھەم ئاپەت رايونلارنىڭ بالىلار مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا تەقدىم قىلىنىدىكەن.