ئۇيغۇر ئالىم ئەركىن سىدىقنىڭ ئالەم تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېڭى كەشپىياتى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق، ئالەم بوشلۇقىدىكى تېلېسكوپنى يەر شارى باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپ تەڭشەشتە ئىشلىتىدىغان بىر يېڭى تېخنىكا كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئالىمنىڭ مەزكۇر تېخنىكا نەتىجىسى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.28
Erkin-Sidiq-dok-305 ﺩﺭ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻼﺭﺩﺍ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ تېخنىكا تېخى تۇنجى قېتىم ئىجات قىلىنغان بولۇپ، 28 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىنىڭ " كەشپىيات ۋە تۆھپە باشقارمىسى" ئالىمغا، مۇكاپات بۇيۇمى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى.

دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پەقەت ھازىر مۇكاپات ئالغان تېخنىكىسى بىلەنلا توختاپ قالمىغان بولۇپ، ئۇ يېقىندا يەنە ئۆزى كەشىپ قىلغان ئىككى خىل يېڭى تېخنىكىنى ئېلان قىلىدىكەن.

ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ساھەسىگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى كەلتۈرىدىغان بۇ خىل تېخنىكىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنىشى، كىشىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر كەشپىياتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت ئالەم قاتنىشى ئىلمىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تارىخ بېتىگە يېزىلغۇسى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دوكتۇر ئەركىن سىدىق بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
 


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.