«ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى كوماندىسى ئۇتتى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.08.01
2011.08.01

RFA/Pidaiy
7-ئاينىڭ 30-كۈنى شەنبە «ئەركىنلىك لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كۈنى. 29-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا، فرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق 7 دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن كەلگەن 7 كوماندا ئارىسىدا داۋام قىلغان تاللىنىش مۇسابىقىسىدە ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى خۇلاسىلىنىپ، گېرمانىيە فچ ميۇنخېن پۇتبول كوماندىسى بىلەن فرانسىيە تارىم كوماندىسى 3-دەرىجىنى تالىشىش پۇرسىتىگە، گوللاندىيە بىلەن شۋېتسىيە ئۇيغۇرىستان كوماندىسى 1-لىكنى تالىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن.
«ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى. 2011-يىلى 30-ئىيۇل، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy
بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدانلىق مۇسابىقىدە ئالدى بىلەن گېرمانىيە ئۇيغۇر كوماندىسى بىلەن فرانسىيە تارىم ئۇيغۇرىستان كوماندىسى 3-لىكنى تالىشىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشتى. ئالدىنقى ۋە كېيىنكى يېرىم مەيدانلاردا ھەر ئىككى تەرەپ قاتتىق تېرىكىشىپ 1=1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن، ۋاقىت ۋە شارائىتقا ئاساسەن 11 قەدەمدىن توپ تېپىش ئارقىلىق غەلىبىنى مۇقىملاشتۇرۇش بەلگىلەندى. بۇ قائىدىگە ئاساسەن، ھەر ئىككى كوماندىنىڭ ئەزالىرى ۋاراتاغا توپ تېپىش نەتىجىسىدە گېرمانىيە فچ ميۇنخېن پۇتبول كوماندىسى 5=2 نەتىجە بىلەن فرانسىيە تارىم پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ چىقىپ 3-دەرىجىگە ئېرىشتى.
ئاندىن بۇ نۆۋەتلىك ئۇيغۇر«ئەركىنلىك لوڭقىسى»نىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىدىغان گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى پۇتبول كوماندىسى بىلەن شۋېتسىيە ئۇيغۇرىستان پۇتبول كوماندىسى مەيدانغا چۈشتى.
مەيدان ئەھلىنى ھاياجان ۋە ئىپتىخارغا چۆمدۈرگەن بۇ مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا شۋېتسىيە ئۇيغۇرىستان كوماندىسى 1=3 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى پۇتبول كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ ئۇرۇپ، 3 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن شۋېتسىيە ئۇيغۇرىستان پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى پۇتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىملىق «ئەركىنلىك لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
مۇسابىقە نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەرقلىق مەخسۇس لوڭقىلار 1-لىكتىن 3-لىككىچە نەتىجىگە ئېرىشكەن گوللاندىيە، شۋېتسىيە ۋە گېرمانىيىدىن ئىبارەت ئۈچ كوماندىغا تەقدىم قىلىنغاندىن باشقا، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن گوللاندىيە ئۇيغۇر ياشلار پۇتبول كوماندىسى 5000 دوللار نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مويسىپىتلار ۋە رەھبىرى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈمىد-ئېشەنچ ۋە دوستلۇق بېغىشلىغان بۇ پائالىيەتكە يۇقىرى باھا بېرىلدى.
مۇراسىمدىن كېيىن، ھاياجان ۋە جەڭگىۋار روھقا تولغان ئۇيغۇرلار بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ دوستلاشتى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
شۇنىڭ بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەركىنلىك لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. ئەمما، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان خۇشاللىقى ئۇنتۇلماس خاتىرىگە ئايلاندى.