ئۇيغۇر دەۋاگەر: خىتايدا ھېچقانداق ھوقۇقىمىز كاپالەتكە ئىگە ئەمەس

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دەۋاگەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دەۋاسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا «ئۆز ھوقۇقنى ئۈچۈن دەۋا قىلىش ھەقلىق» دېگەن ھۆكۈمنى سوۋغا قىلىپ, ئۇنى يۇرتىغا يولغا سەپ قويغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.01.26
Uyghur-erzdar-Tursun-Ghopur-Beijing-kowruk-astida-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻏﻮﭘﯘﺭ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.


بۇ ھەقتە پىكرى يۈرگۈزگەن كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ يىللاردىن بېرى ئەرز قىلىپ دەرنى ئاڭلايدىغان يەر تاپالمايۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار مەسىلىسى ئۈچۈن بىر يېڭىلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېگىزلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىكەن.

9 يىل ئەرز قىلىپ ئاران يۇقىرىقى جاۋابقا ئەشكەن ئۇيغۇر ئەرزدار ئوبۇل ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى بايان قىلدى.

بۇندىن توققۇز يىل بۇرۇن يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئوبۇل ھەسەننى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى چارۋا كالاڭغا ئۇرۇلغان ۋاكسىنا ھەققى15 يۈەن پۇلنى تۆلىيەلمىدىڭ، دېگەن سەۋەب بىلەن ھويلىسىغا بېسىپ كىرىپ دۇمبالىغان.

ئوبۇل ھەسەننىڭ بېشىغا توقماق بىلەن ئۇرۇپ ئېغىر زەخىملەندۈرگەن، ئارقىدىن ئۇنى دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق دوختۇرغا كۆرسەتكەن. ئوبۇل ھەسەن بۇ توغرىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇلار مېنى دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق دوختۇرغا كۆرسىتىپ 12 كۈن داۋالاپ ساق دېگەن ئىسپاتنى چىقاردى. مەن دوختۇرغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن ۋاقتىدا داۋالىنىشتىنمۇ مەھرۇم قالدىم.

ئۇ يەنە يېزا كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنى داۋاملىق بوزەك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوبۇل ھەسەن 9 يىلدىن بېرى ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، ئەمما «ئەرز قىلىشىڭ يوللۇق» دېگەن ماختاشقا ئېرىشىپ يولغا سېلىنغان. ئۇ ئۆزى ئەرز قىلىۋاتقان خىتاي قانۇن ھەققىدە توختالدى.

خىتاينىڭ خۇددى ئوبۇل ھەسەن ئېيتقاندەك ئالقىشلاشقا تېگىشلىك قانۇنلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولالماسلىقىدىكى ماھىيەتلىك سەۋەب نەدە؟

بۇ راستىنىلا خىتاي دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇننى توغرا ئىجرا قىلماسلىق مەسىلىسىمۇ؟ بىز بۇ توغرىدا ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادىل ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئادىل ئابباس، مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ بەزى مۇھىم نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.