ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر، بەدەن ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن

بەدەن ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى خەلقئارا قاراڭغۇ بازاردىكى چوڭ سودىلارنىڭ بىرىدۇر. خىتاي بەدەن ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە بېيجىڭدا مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقان ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنىڭ ئەرز ھېكايىسى، ئۇنىڭ بەدەن ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئىشارەتلەر بەرمەكتە.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، يىلىغا دۇنيادا 70000 ئەتراپىدا كىشىنىڭ بۆرىكى يەڭگۈشلىنىدۇ؛ يەڭگۈشلەنگەن بۆرەكنىڭ 90 % ى خەلقئارالىق قاراڭغۇ بازاردىن سېتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كۆز قاتارلىق ئورگانلارمۇ، مەزكۇر بازاردىكى ئەتىۋارلىق ماللاردىن بىرى.

يېقىندا شۋېتسارىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇر ساقچى، بەدەن ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ بەدەن ئەزالىرىنىڭ، ئوغرىلىقچە يۆتكەپ سېتىلغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە بۇ ۋەقە خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

نۆۋەتتە بېيجىڭدا مۆكۈپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنىڭ ئەرز ھېكايىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەنە شۇ ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە ئاشكارىلانماقتا.

ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنىڭ بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ دۇنيادا بەدەن ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى دېگەندىن ئىبارەت بىر سودىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز؛ ئۇ كۆزىنىڭ ئېلىۋېتىلىشىنى، ئىنىسىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋانىڭ ئالدىنى توسۇش دەپ چۈشىنىپ كەلگەن.

ئالاقىدار يازما مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر دانە كۆزنىڭ بەدەن ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىك بازىرىدىكى قىممىتى 150 مىڭ دوللار.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.