بېيجىڭدىكى سىياسي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى

بېيجىڭدا سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ ھەم ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن كادىر ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن كادىر ساقچىلار بىلەن داۋاملىق تىركىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئۇلارغا ھەمدەم بولۇۋاتقان خىتاي ئەرزدارلار ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنىڭ خىتايلارغا قارىغاندىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.06.20
Beyningdiki-erzdarlar-305.jpg خىتاي كوممۇنىست خەلق قۇرۇلتىيى يېپىلىش مەزگىلىدە، ئەرزدارلار سوت مەھكىمىسى ئالدىدا. 2011-يىلى 19-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
www.boxun.com


بېيجىڭدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىغا ئۈچ كېچە - كۈندۈز بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار، 20 - ئىيۇن دائىرىلەرنىڭ پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار، قوراللىق ساقچىلار ھەم ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن ساقچى - كادىرلار بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەمنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدىن ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئوغلىنىڭ خۇن داۋاسىنى قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدار غازى ئاكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20 - ئىيۇن كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت ئونلاردا دائىرىلەر پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ھەم قوراللىق ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدىن كېتىشكە زورلىغان. پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرى ھەتتا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنى ئۇرۇپ ئۇلارنى ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا قاچىلاپ ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان.

خىتاي شىركىتىگە مەجبۇرىي سېتىپ بېرىلگەن ئۆيى ھەم تېرىلغۇ يېرىنىڭ داۋاسىنى قىلىپ، قەشقەردىن كەلگەن ئامىنە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنى قەشقەرگە ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىغا يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر كادىرلار ھەم ساقچىلار ئامىنە خانىمغا ئالداش، پوپوزا قىلىش، تەھدىت سېلىش ھەتتا بېيجىڭدىكى خىتاي ساقچىلىرىغا ئۇرغۇزۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللانغان.

ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلار تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىۋاتقان چېغىدا، ئۇلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن قوراللىق ساقچىلار مەيداندىن كەتكەن. ئەمما پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ھەم يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن ساقچى - كادىرلار بولۇپ يەنە 30 دىن ئارتۇق كىشى نەق مەيداندا بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى سېپىگە بېيجىڭدىكى بىر قىسىم خىتاي ئەرزدارلىرىمۇ قوشۇلغان. ئەتراپتا يىغىلغان 100دىن ئارتۇق بېيجىڭ پۇقرالىرى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىغا مەدەت بەرگىنى ئۈچۈن، سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن كادىر ساقچىلار ئەرزدارلاردىن 10 مېتىر ئارىلىق تاشلاپ ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ھالەت شەكىللەنگەن.

ئەتىگەندىن بۇيان سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئالدىدا، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش تارتىشنى كۆرگەن لى فامىلىلىك ئەرزدار ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

لى خانىم مۇنداق دېدى: مەن قىزىمنىڭ خۇن داۋاسى ئۈچۈن جېجىياڭدىن كەلگەن بىر مېيىپ ئەرزدار. تېخى ئىككى سائەت ئىلگىرى بۇ يەردە قوراللىق ساقچى، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھەم نەچچە ئونلىغان ساقچى ئاپتوموبىللىرى بار ئىدى. مەيدانغا ئەۋەتىلگەن پۇقراچە ساقچىلارنىڭ كۈپ - كۈندۈزدە ياشانغان بوۋاي، ۋە ئاياللارغا زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشى ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ھازىر ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن قوراللىق ساقچىلار مەيداندىن كەتتى. مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن پۇقراچە كىيىنگەن ئايال ساقچىنىڭ ئامىنە ئىسىملىك شىنجاڭلىق ئايالنى ئۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ساقچىلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا ھەممىمىز نارازى بولدۇق، ھەتتا مەنمۇ چاقلىق ئورۇندۇقۇم بىلەن بۇ جېدەلگە ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولدۇم.

بېيجىڭدا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئانارگۈل ۋە ئامىنە خانىم قاتارلىق ئۇيغۇر ئەرزدارلار بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرىمۇ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا ئەرز ئۈچۈن كەلگىنىدە بېيجىڭدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تاياق يېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار بۇ ئەھۋاللارنى مۇخبىرلارغا ئاشكارىلاشتىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىكلىرى ھەم ئەرزىنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان پۇقرالار ھەم مۇخبىرلارغا ئاڭلىتىش يولى ئارقىلىقلا مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشىشكە ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە تەھدىتلەر ئىچىدە ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن كادىر ساقچىلار قانداق ئىنكاسلاردا؟ پروگراممىمىز داۋامىدا ئەرزدارلار بىلەن يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن كادىرلار ئوتتۇرىسىدىكى شەرت - كېلىشىملەر ھەم يەرلىكتىن ئەۋەتىلگەن كادىر ساقچىلار بىلەن رادىئومىز ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.