شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى جەمىل چېچەك بىلەن ئۇچراشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى. بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە فوندلىرى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە فوندلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىزمەت - پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.01.27
eser-saka-xanim-305.png سۈرەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى جەمىل چېچەك بىلەن بىللە
Photo: RFA

بۇ تەشكىلاتلار بەزى ۋاقىتلاردا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنسىتىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم، تۈركىيە - تۈركمەنىستان دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى سالاھىددىن بايسال ئەپەندى قاتارلىق ئىككى كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنت رەئىسى جەمىل چېچەك ئەپەندى بىلەن تۈركىيە پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا ئۇچراشتى. بۇ ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم، جەمىل چېچەك ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ھەر تۈرلۈك يىغىن - پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەر ساكا خانىم تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى جېمىل چېچەك ئەپەندىگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان، «شەرقىي تۈركسىتان تارىخي»، «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تاماقلىرى» دېگەنگە ئوخشاش بىر قانچە پارچە كىتاب ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسىنى ھەدىيە قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەسەر ساكاخانىم بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەقسىتى نېمە دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى ھۆرمەتلىك پارلامېنت رەئىسىگە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلىتىش شۇنداقلا 2012 - يىلى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئۇنۇتماسلىققا ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش ئىدى. مەقسەت ھاسىل بولدى، ھەقىقەتەن سەمىمىي بىر ئۇچرىشىش بولدى، بۇ زىيارەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر زىيارەت بولدى.

ئەسەر ساكا خانىم، بۇ زىيارەت جەريانىدا پارلامېنت رەئىسى جەمىل چېچەكتىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرەر تەلەپ ياكى ئىلتىماس سۇندىمىڭىزمۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاە بېرىپ مۇنداق دېدى:

- بىۋاستە بىر تەلەپ ياكى ئىلتىماس سۇنۇلمىدى، ئەمما بىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلدىم ۋە شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەت - پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ تارىخ ۋە مەدەنىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ ياشاۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇم. مەن جەمىل چېچەك ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە كىتاب ھەدىيە قىلدىم. جەمىل چېچەك ئەپەندى دوپپىنى قەيەردىن كەلتۈرگەنلىكىمنى سوردى، مەن - شەرقىي تۈركسىتاندىن كەلتۈرگەن ئۇيغۇر دوپپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردىم ۋە بىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلدىم. بۇ جەرياندا جەمىل چېچەك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، ھەر زامان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئەسەر ساكا خانىم، سىزچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى مەيلى مىنىستىرلار بولسۇن، مەيلى پارلامېنت ئەزالىرى بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدۇ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە جىددىي قارايدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.