ئېتىقاد ۋە شەخسىي مەنپەئەت توغرىسىدا رىۋايەت

ئېتىقاد ئادەم بالىسىدىكى ئەڭ يىمىرىلمەس كۈچ بولۇپ، ئېتىقادلىق ئادەملەرنىڭ ئېتىقادسىز ئادەملەرگە قارىغاندا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ئەلۋەتتە كۈچلۈك بولىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت.

0:00 / 0:00

مىسىرلىق مەشھۇر يازغۇچى تەۋفىق ھېكىم «ئېتىقاد ۋە شەخسىي مەنپەئەت» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:

"بىر توپ مۇرىتلار بىر تۈپ دەرەخنى مۇقەددەس روھ دەپ بىلىپ، دەرەخكە چوقۇنۇۋاتقان ئىكەن. بىر زاھىت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ-دە، پالتىسىنى ئېلىپ بېرىپ دەرەخنى كېسىۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇ دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ. تۇيۇقسىز بىر شەيتان پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپتۇ:
-ھەي، توختا! سەن نېمە سەۋەبتىن بۇ دەرەخنى كېسىۋەتمەكچىسەن؟
- چۈنكى بۇ دەرەخ كىشىلەرنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ.
-كىشىلەرنى ئازدۇرسا ئازدۇرىۋەرمەمدۇ، ئۇلار ئالدىنىۋەرسۇن!
-ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭ ئۇلارنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىم بار.
-سەن كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى توسۇۋالما، ئۇلار نېمە قىلغۇسى كەلسە، شۇنى قىلسۇن.
-ئۇلار ھازىر ئەركىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار جىن-شەيتانلارنىڭ ئەپسۇنلىرىنى ئاڭلاۋاتىدۇ.
-ئۇنداقتا سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتماقچى ئوخشىمامسەن؟
-مەن ئۇلارغا ئاللانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتماقچىمەن.
-مەن ساڭا بۇ دەرەخنى ھەرگىز كەستۈرمەيمەن!
-مەنمۇ بۇ دەرەخنى كەسمىگۈچە بولدى قىلمايمەن.
شۇنىڭ بىلەن شەيتان زاھىتنىڭ كېكىرتىكىدىن ئاپتۇ، زاھىت شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ. ئۇلار قاتتىق ئېلىشىپ، ئاخىرى زاھىت شەيتاننى يېڭىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىپ ئولتۇرۇپ:
-مەن ساڭا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام،-دەپتۇ.
شەيتان ھاسىراپ تۇرۇپ:
-مەن سېنىڭ بۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭنى ھەرگىز ئويلىماپتىمەن. مېنى قويۇۋەت. نېمە قىلىمەن دېسەڭ قىلىۋەر،-دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن زاھىت شەيتاننى قويۇۋېتىپتۇ. بىراق قاتتىق ئېلىشىپ ھېرىپ كەتكەن زاھىتنىڭ دەرەخنى كەسكۈدەك ماجالى قالماپتۇ، شۇڭا قايتىپ كېتىپ، ئارام ئېلىپ ئەتىسى كەسمەكچى بولۇپتۇ.
ئەتىسى ئۇ يەنە پالتىسىنى ئېلىپ دەرەخ كېسىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ. شەيتان بىردىنلا ئۇنىڭ ئارقىسىدا پەيدا بولۇپ ۋارقىراپتۇ:
-بۈگۈنمۇ دەرەخ كەسكىلى ماڭدىڭمۇ؟
-مەن ساڭا بۇ دەرەخنى كەسمەي قويمايمەن دېمىگەنمىدىم؟
- سەن بۈگۈنمۇ مېنى يېڭەلەيمەن دەپ ئويلامسەن؟
- مەن ساڭا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمىغىچە بولدى قىلمايمەن.
-خوش ئەمىسە كارامىتىڭنى كۆرسەت.
شەيتان زاھىتنىڭ كېكىرتىكىدىن ئاپتۇ، زاھىت يەنە شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ. يەنە بىر پەس قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن زاھىت شەيتاننى يېڭىۋاپتۇ. شەيتاننى ئاستىغا بېسىپ تۇرۇپ،:
-ھە، ئەمدى سېنىڭ يەنە دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ؟-دەپتۇ.
‏-مەن تەن بەردىم. سېنىڭ ھەيران قالغۇدەك كۈچۈڭ بار ئىكەن. مېنى قويۇپ بەر. سەن مېنى نېمە قىل دېسەڭ شۇنى قىلىمەن،-دەپتۇ شەيتان ھارغىن قىياپەتتە.
زاھىت ئۇنى قويۇپ بېرىپ، كەپىسىگە قايتىپ كېلىپتۇ. چۈنكى ئۇ قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە بىر كېچە قىمىرلىماي يېتىپتۇ. ئەتىسى زاھىت يەنە پالتىسى ئېلىپ دەرەخنى كەسكىلى مېڭىپتۇ. بۇ قېتىممۇ شەيتان ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپ:
-ھەي، سەن تېخىچە نىيىتىڭدىن يانمىدىڭمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-شۇنداق مەن بۇ بالايىئاپەتنى يىلتىزىدىن كېسىپ تاشلىمىغۇچە بولدى قىلمايمەن.
شەيتان بۇ ئادەمنى ئېلىشىش بىلەن يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، ئېتىقادلىق ئادەملەرنى يېڭىشنىڭ چارىسى ھىيلە-مىكىرنى ئويلاپ يېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ شەيتان تولىمۇ ساختا، چىرايلىق تەبەسسۇم بىلەن زاھىتقا يېقىنلىشىپ كېلىپ ئۇنىڭغا دەپتۇ:
-مېنىڭ بۇ دەرەخنى نېمە ئۈچۈن كەسكىلى قويمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سېنى ئاسراش ئۈچۈن ئىدى. سەن بۇنى چۈشەنمىدىڭ. چۈنكى سەن بۇ دەرەخنى كېسىۋەتسەڭ، بۇ دەرەخكە چوقۇنىدىغانلار سېنى يامان كۆرۈپ قالىدۇ، ساڭا دۈشمەن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ نېمىدەپ ئۆزۈڭگە ئاۋارىچىلىك تاپىسەن؟ بولدى قوي، بۇ دەرەخنى كېسىش نىيىتىڭدىن يانغىن. مەن ساڭا ھەر كۈنى ئىككى دىنار پۇل بېرەي، شۇنى خەجلەپ راھەتتە ياشىغىن،-دەپتۇ.
زاھىت بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن شاققىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، شەيتانغا قاراپ: دېگەنلىرىڭگە كىم گۇۋاھ بولىدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-مەن قەسەم قىلىپ بېرەي، ۋەدەمدىن يانمايمەن.
-بولىدۇ ئەمىسە، مەن سېنى سىناپ كۆرەي.
دېگەندەك شۇنىڭدىن كېيىن زاھىت ھەر كۈنى ياستۇقىنىڭ تېگىدىن ئىككى دىنار ئالىدىكەن. بىر ئايغىچە شۇنداق بولۇپتۇ. ئەمما، بىر كۈنى ئەتىگىنى زاھىت قولىنى ياستۇق تېگىگە تىقىپتىكەن، دىنار چىقماپتۇ. چۈنكى شەيتان ئۇنىڭ ياستۇقى ئاستىغا دىنار قويمىغان ئىكەن. زاھىتنىڭ ئەرۋاھى قىرىق كەز ئۆرلەپتۇ-دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھېلىقى دەرەخنى كېسىش ئۈچۈن يەنە يولغا چىقىپتۇ. يولدا شەيتان ئۇچراپ قېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
- توختا، قاياققا ماڭدىڭ يەنە؟
- دەرەخ كەسكىلى،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ زاھىت.
- شەيتان ئۇنى مەسخىرە قىلىپ قاتتىق كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە ساڭا بېرىدىغان دىنارنى توختىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن دەرەخنى كېسىمەن دەمسەن؟
- ياق، مەن بۇ گۇناھ مەنبەسىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتىمەن.
- سەن تېخى كىشىلەرنىڭ دىلىنى يورۇتامسەن؟ سېنىڭ بۇ تۇرقۇڭ بەكمۇ كۈلكىلىك بىلىندى، دەپ مەسخىرە قىلىپتۇ شەيتان.
زاھىتنىڭ قاتتىق غەزىپى ئۆرلەپ شەيتانغا ئېتىلىپ بېرىپ شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ. يەنە قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇزاق ئېلىشمايلا شەيتان زاھىتنى يېڭىۋاپتۇ. زاھىتنىڭ ئۈستىگە مىنىپ ئولتۇرۇپ:
-ھەي، سېنىڭ ھېلىقى قۇدرىتىڭ قېنى-دەپ سوراپتۇ.
مەغلۇپ بولغان زاھىت قاتتىق غەزەپ بىلەن:
ئېيتە شەيتان، سەن مېنى قانداق يەڭدىڭ-دەپتۇ.
-سەن ئېتىقاد ئۈچۈن ئېلىشقىنىڭدا مېنى يەڭگەنتىڭ، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئېلىشقىنىڭدا مەن سېنى يەڭدىم، دەپتۇ شەيتان."